ۋاشىنگتون سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ ئېنىقسىزلىقى دوللارغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ

parida 2018-01-18 12:15:10

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: FXTM تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەھلىلچىسى Lukman Otunuga نىڭ چارشەنبە كۈنى (1-ئاينىڭ 17-كۈنى) ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى مۇقىم سەۋىيىدە بولۇپ، ئۈچ يىلدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىدىن يۇقىرىلىغان، ئەمما دوللارنىڭ كېيىنكى يۆنىلىشى يەنىلا ئېنىق ئەمەس ئىكەن. چۈنكى ۋاشىنگتون سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى ئېنىقسىزلىق دوللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، دوللارنىڭ تۆۋەنلەش ئېھتىماللىقى يەنىلا يۇقىرى ئىكەن.
Otunuga نىڭ بىلدۈرۈشىچە، دوللار سودىگەرلىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ پۇل سىياسىتى كۆزلىمىسىدىن يېڭى يىپ ئۇچى ئىزدەۋاتقان بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى دوللارنىڭ پېرۋوت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىدە گەۋدىلىنىدىكەن، پېرېۋوت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشى يۆنىلىشى داۋاملىشىدىكەن. ئالتۇن باھاسىنىڭ كېيىنكى تىرەك نۇقتىسى 1325 دوللار بولۇپ، ئەگەر بۇ نۇقتىدىن ئاشالىسا، يەنىمۇ ئۆرلەپ 1340 ياكى 1360 دوللارغا چىقىشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.