دوللارنىڭ تۆۋەنلەپ ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قىلىشىدىكى سەۋەب

rabigul 2018-01-15 17:46:28

\

ئالدىنقى بىر ھەپتە، تۆۋەنلەش نىسبىتى كۆرىنەرلىك بولغىنى يەنىلا دوللار بولۇپ، ئامېرىكا پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەش ئەندىشىسى، ياۋرونىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى ۋە جۇڭگونىڭ ئامېرىكىنىڭ قەرز سېتىۋېلىش تاكتىكىسى توغرىسىدىكى گەپ سۆزلىرىگە تەپسىلىي قاراپ چىقىشى قاتارلىق بىر قانچە ئامىللار ئامېرىكا دوللىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە، كەڭ دائىرىدە چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ يىل باشلىنىشى بىلەن تەڭ دەسلەپكى سىگنالدا كۆرسىتىلىشىچە، ناچار 2017-يىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دوللار قايتا ئۆرلىشى مۇمكىن. لېكىن ئالدىنقى بىر ھەپتە 12-ئايدىن بۇيان دوللارنىڭ تۇيۇقسىز چۈشۈپ كېتىش ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ، بۇ ئۈمىد يوققا چىقتى. جۈمە كۈنى دوللارنىڭ تۇيۇقسىز چۈشۈپ كېتىشىگە تۈرتكە بولغىنى دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ 9-ئايدىن بۇيانقى يېڭى تۆۋەن نۇقتىنى شەكىللەندۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ياۋرو / دوللار باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ 3 يىلدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى شەكىللەندۈردى. گەرچە شۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو ھازىر ۋاقىتلىق ئويلىشىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ قەرزنى سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئىنكار قىلىنغان بولسىمۇ، ھەمدە ئامېرىكا جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان يادرولۇق CPI قىممىتى مۆلچەردىن يۇقىرى چىققان بولسىمۇ، دوللار يۇقىرى ئۆرلەشكە ئامالسىز قىلىپ، ئەكسىچە تۆۋەنلەپ ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى.

بۇ ھەپتە چارشەنبە كۈنى كانادا مەركىزى بانكىسى پۇل سىياسىتى ۋە ئۆسۈم نىسبىتى قارارىنى ئېلان قىلىدۇ. شۇڭا، ئاساسلىق پۇل مۇئامىلە بازىرى، بولۇپمۇ تاشقى پېرېۋوت بازىرىنىڭ تەۋرىنىشچانلىقى كۈچلۈك بولىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ ھەپتە يەنە ياۋروپا رايونى CPI ، جۇڭگونىڭ GDP ۋە سانائەت قوشۇلما قىممىتى، ئامېرىكا قۇرۇش ئىجازەتنامىسى بىلەن يېڭى ئۆيگە ئىش باشلاش، ئەنگلىيە پارچە سېتىش قاتارلىق بىر قاتار ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.