باج - ھەق ئىسلاھاتىنىڭ ماقۇللىقىدىن كېيىن دوللار چوڭ ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن

rabigul 2017-11-17 15:59:14

\

FX168 مالىيە ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باج - ھەق ئىسلاھاتى تەكلىپ لايىھىسىنىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتىشى، 1980 - يىلدىن بۇيان ئامېرىكا بويىچە ئەڭ چوڭ باج ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم بىر قەدەمنى باستى، بۇ ئەسلىدە دوللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىنتايىن كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان بىر خەۋەر، لېكىن پېرېۋوت ئىنكاسىدىن قارىغاندا، دوللار بۇ خەۋەر ئېلان قىلغاندىن كېيىن پەقەت ئاز مىقداردا ئۆستى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي سىناۋاتقىنى بولسا كېڭەش پالاتاسى بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، نەتىجىنى مۆلچەرلەش تەس، شۇڭا بۇنىڭدىن بۇرۇن مەبلەغ سالغۇچىلار كەڭ كۆلەمدە دوللار سېتىۋېلىشنى خالىمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، گولدىمان ساكس، مورگان داتۇڭ قاتارلىق مەركىزى بانكىلارمۇ كەينى-كەينىدىن 2018-يىلى دوللارنىڭ يۆنىلىشىنى ئاجىزلايدۇ دەپ بايان قىلدى، بۇ ئەھۋاللارمۇ ئوخشاشلا دوللارغا بېسىم بولدى.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.