فوندستېرلىڭنىڭ كېيىنكى يۆنىلىشى قانداق بولىدۇ؟

parida 2017-09-22 15:44:59

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەبلەغ سالغۇچىلار دىققىتىنى ياۋرۇپاغا بۇرىدى. گېرمانىيە ھەپتە ئاخىرىدا چوڭ سايلام چوڭ ئۆتكۈزىدۇ، بۇ ياۋرۇنىڭ يۆنىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، ئەمما چوڭ سايلامدىن بۇرۇن يەنە بىر چوڭ سىناق بار بولۇپ، ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى تېرىسا مېي جۈمە كۈنى ئىتالىيەنىڭ Florence قا بېرىپ ئەنگىلىيەنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش ئىستىراتېگىيىسىنى بايان قىلىدۇ. قىسمەن تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەگەر تېرىسا مېي ھەرقانداق شەكىلدىكى «ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن قەتئىي چېكىنىش» ئىستراتېگىيىسىنى ئىلگىرى سۈرسە، ئۇنداقتا فوندستېرلىڭ قاتتىق زەربىگە ئۇچرايدۇ. ئەمما يەنە بىر قىسىم سودا خادىملىرى ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى تېرىسا مېي جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا «يۇمشاق ئۇسۇلدا ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش»نى تەشەببۇس قىلىشى مۇمكىن دەپ قارىغاچقا، فوندستېرلىڭ بىلەن دوللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى پەيشەنبە كۈنى (9-ئاينىڭ 21-كۈنى) يۇقىرىلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەنگىلىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرى كەلگۈسى بىر قانچە ئايدا ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنى ئوتتۇرغا قويغان بولغاچقا، ئالدىنقى ھەپتە دوللار بىلەن فوندستېرلىڭنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى بەش ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يەككە ھەپتىلىك ئۆسۈش نىسبىتىنى ياراتقان ئىدى، ئەمما بۇ ھەپتىدە ئەنگىلىيەنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش ۋەزىيىتىنىڭ ئېنىقسىزلىقى فوندستېرلىڭنىڭ يۆنىلىشىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
Nomura نىڭ مۆلچەرلىشىچە، فوندستېرلىڭ بىلەن دوللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى يىل ئاخىرىغىچە 1.40 نۇقتىلىق سەۋىيىگە چىقىشى مۇمكىن ئىكەن، ئەمما مەزكۇر بانكىنىڭ تاكتىكىچىسى Jordan Rochester نىڭ قارىشىچە، بۇ خىل پەرەز سەل خەتەرلىك بولۇپ، ئەگەر ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات كۈتۈلمىگەندە تۆۋەنلىسە، شۇنداقلا يەنە ئەنگىلىيەنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش سۆھبىتى يەنىلا قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالسا، ياكى ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى تېرىسا مېي جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدىن كۆرۈنەرلىك نەتىجە چىقمىسا، ئۇنداقتا فوندستېرلىڭ چوڭ زەربىگە ئۇچرايدىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.