دوللار ئۆرلەش ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇرالامۇ؟

rabigul 2017-09-21 16:41:40

\

FX168 مالىيە ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئاۋسترالىيە مىللىي بانكىسى(NAB) تەھلىلچىسى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاخشامقى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ پۇل سىياسىتىگە قارىتا تەھلىل ئېلىپ باردى؛

چېكىتلىك دىئاگراممىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 16 نەپەر ئەزاسى ئىچىدە 11 نەپەر ئەزا بۇ يىل يەنە بىر قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنى ئالدىن مۆلچەرلىدى، 4 نەپەر ئەزا ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكنى قوللىدى، 1 نەپەر ئەزا پەقەت بىر قېتىم ئۆسۈم قوشۇشنى قوللىدى؛

دېمەك، " يەنە بىر قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈرۈش" لاگېرى ئايلىنىپ" ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك" مەيدانىغا ئۆزگەردى، بۇ ئەڭ چوڭ كۈتۈلمىگەن قاتتىق قوللار مەيدانى ھېسابلىنىدۇ.

2018-يىلىغا كەلسەك، 3 قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۆلچەرى ئۆزگەرمىدى، لېكىن چېكىتلىك دىئاگراممىدىكى تۆۋەن قىممەت ئالغان ئادەم سانى ئىلگىركى 4 نەپەردىن 5 نەپەرگە كۆپەيدى. گەرچە بۇ ئەھۋال سەل يۇمشاق قوللۇق تەرەپكە مايىلراق بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھېچ بولمىغاندا بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ئىلگىرىكى ئالدىن مۆلچەر تېخىمۇ كۈچلۈك.

يىغىندىن كېيىن ئارقىدىنلا يېلېن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى ھەمدە بازارغا نىسبەتەن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدىكى ھۆكۈم ئۆزگەرگىنى يوق، بۇنىڭ بىلەن 10 يىللىق ئامېرىكا قەرز پايدا نىسبىتى 5 نۇقتا يۇقىرى ئۆرلەپ، دوللار 1% كە يېقىن ئۆرلەپ كەتتى.

نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئەگەر بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلار كۈچلۈك بولسا، ھەمدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 12-ئايدا ئۆسۈم قوشۇشنى مۇۋاپىق كۆرسە، ئۇنداقتا دوللارنىڭ بۇ قېتىمقى ئۆرلەش ۋەزىيىتى داۋاملىشىدۇ؛

\

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.