كەلگۈسىدە ئالتۇن باھاسى بىلەن دوللار يۆنىلىشى قانداق بولدۇ؟

rabigul 2017-09-19 15:16:45

\

FX168 مالىيە ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: 9-ئاينىڭ 19-كۈنى دۇنيا تاشقى پېرېۋوت باشقۇرغۇچىسى FXTM تەتقىقات ئانالىزچىسى Lukman Otunuga نۆۋەتتىكى پۇل مۇئامىلە بازىرى ئەھۋالى توغرىسىدا قىسقىچە تەھلىل قىلىش ۋە مۆلچەرلەش ئېلىپ باردى؛

تاشقى پېرېۋوت بازىرى تەرەپتە، ئالدىنقى ھەپتە ) 9-ئاينىڭ 15-كۈنى( جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى بازارنى تولىمۇ ئۈمىسىزلەندۈردى، شۇ سەۋەبتىن دوللارغا ئالماشتۇرۇلىدىغان بىر سېۋەت ئاساسلىق پۇللار بېسىم ئاستىدا تۇرۇۋاتىدۇ. تىرامىپ ئوتتۇرىغا قويغان باج ئىسلاھاتى ۋە مالىيە چىقىمى لايىھەسىمۇ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قايتىدىن تۆۋەنلىشىگە تەسىر كۆرسىتەلمىدى. ئۇدا تۆۋەن ھالەتتىكى پۇل پاخاللىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەندىشە يەنىلا ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش ئەھۋالىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى، بۇنىڭ بىلەن دوللار يۈزلىنىشى بالا ئۈستىگە قازا كەلگەندەك تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى، مۆلچەرلىنىشىچە، كەلگۈسىدە دوللار تېخىمۇ تۆۋەنلىشى مۇمكىن.

ئالتۇن بازىرى تەرەپتە، 9-ئاينىڭ 18-كۈنى دۈشەنبە ئالتۇن بازىرىنىڭ خەۋپ – خەتەر جەھەتتىكى قىزىقىشى ئۆرلەپ، ئالتۇن باھاسى بېسىمغا ئۇچرىدى. چۈنكى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنىڭ پەسىيىشى، خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجىنىڭ تۆۋەنلىشى قاتارلىق ئامىللار ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى.

نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسى 1308 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىۋاتىدۇ، ئەگەر ئالتۇن باھاسى 1300 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە، چۈشۈش بوشلۇقى قايتىدىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى مۇمكىن.

تېخنىكا جەھەتتىن قارىغاندا، ئەگەر ئالتۇن باھاسى 1300 دوللاردىكى چوڭ ئۆتكەلدىن چۈشۈپ كەتسە، كېيىنكى تىرەش نۇقتىسى 1280 دوللار؛ ئەكسىچە ئالتۇن باھاسى 1300 دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسىنى ساقلاپ قالسا، ئۇنداقتا يەنە 1315 دوللار ئەتراپىغا چىقىشىدا ئۈمىد بار.

\

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.