ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ تۆۋەنلەش ئېھتىماللىقى يۇقىرى

parida 2017-08-16 15:19:20

\

FX168 مالىيە – ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: سەيشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 15-كۈنى) ئېلان قىلىغان ئامېرىكا پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى ياخشى چىققان بولغاچقا، بۇ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ زور نىسبەتتە ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى؛ ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا – چاۋشيەن ۋەزىيىتىمۇ پەسكويغا چۈشتى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىدىكى «3-نومۇرلۇق شەخس» Dudley «كەسكىن» پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى، بۇلارنىڭ ھەممىسى دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى. ئەمما، چارشەنبە كۈنى يەنى بۈگۈن پۇل-مۇئامىلە بازىرى بۇ ھەپتىدىكى ئەڭ چوڭ سىناق – ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ 7-ئايلىق يىغىن خاتىرىسىنى كۈتۈۋالىدۇ. كۆپ قىسىم تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، يىغىن خاتىرىسىنىڭ مەزمونى «مۆتىدىل» لىككە مايىل بولۇپ، ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا، نۆۋەتتە ئۆرلەش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان دوللار ئۈچۈن بىر چوڭ زەربە بولىدۇ.

BMO ئامېرىكا ئۆسۈم نىسبىتى تاكتىكىچىسى Ian Lyngen نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بازار ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ نىسبەتەن «كەسكىن» بولىدىغانلىقى، فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادنىڭ كەلگۈسىدە ئېشىشىغا قارىتا ئۈمىدۋار ئىكەنلىكى، ھەمدە پۇل پاخاللىقى ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق مۆتىدىل بولۇشىنى تەكىتلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. ئەمما Lyngen نىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتى پۇل پاخاللىقى مەسىلىسىگە قارىتا ئېنىق قارار چىقارماسلىقى، يىغىن خاتىرىسىنىڭ مەزمونى مۆلچەردىكىدىن «مۆتىدىل» لىككە مايىل بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.