قىسقا خەۋەرلەر

parida 2017-07-20 18:23:02

\

ياپونىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ پەسىللىك دوكلاتى: پۇل پاخاللىقى يەنىلا %2 لىك نىشانغا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ، ئەمما ئۆسۈش نىسبىتى يىتەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى ئەمەس؛
ياپونىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ پەسىللىك دوكلاتى: ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى نىسبەتەن ئارقىدا؛
ياپونىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ پەسىللىك دوكلاتى: ئىقتىساد ۋە مال باھاسى دۇچ كېلىدىغان خەۋپ-خەتەر تۆۋەنلىشى مۇمكىن؛
ياپونىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ پەسىللىك دوكلاتى: ياپونىيە مەركىزىي بانكىسى پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ كۆزلەنگەن سەۋىيىگە يېتىشى ئۈچۈن، پۇل سىياسىتىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە تەڭشەيدۇ؛
ئامېرىكىنىڭ 7-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە شۇ ھەپتىلىك دەسلەپكى ئىشسىزلىق پۇلى سانى داۋاملىق ئازايدى؛ بېيجىڭ ۋاقتى پەيشەنبە كۈنى (7-ئاينىڭ 20-كۈنى) سائەت 20:30 دا ئامېرىكىنىڭ 7-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە شۇ ھەپتىلىك دەسلەپكى ئىشسىزلىق پۇلى سانى ئېلان قىلىنىدۇ، ئامېرىكا بانكىسى ئامېرىكا ئورمان ئاكسىيەسى، Barclays كاپىتال تەتقىقات مەركىزى ۋە بلۇمبېرگ مالىيە تورى بىردەك ئوتتۇرىچە كۆزلىمە سانى 245 مىڭ ئەتراپىدا دەپ مۆلچەرلىدى، ئالدىنقى قىممىتى 247 مىڭ بولغان ئىدى؛
خۇيتۇڭ تورى: فوندستېرلىڭ بىلەن دوللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى 1.30 نۇقتىلىق ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلىدى، تۆت ھەپتىدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتا 11.2986 غا چۈشتى، تۆۋەنكى تىرەك نۇقتىسى 20 كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سىزىقتىكى 1.2929 ئەتراپىدا؛
خۇيتۇڭ تورى: ئامېرىكا دوللىرى بىلەن كانادا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى بۈگۈنكى يۇقىرى نۇقتا 1.2625 غا چىقتى، ئەمما پېرېۋوت باھاسىنىڭ ئومۇمىي يۆنىلىشى يەنىلا ئاجىز؛
ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزو 2018-يىللىق كورىيە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى؛
خۇيتۇڭ تورى: نەق ئالتۇننىڭ قىسقا سىزىقى تېز سۈرئەتتە 2.5 دوللار تۆۋەنلىدى، ئالتۇن باھاسى بۈگۈنكى يېڭى تۆۋەن نۇقتا 1236.69 دوللار\ئۇنسىيەگە چۈشتى، تۆۋەنلەش نىسبىتى %0.37 گە يەتتى؛
خۇيتۇڭ تورى: دوللار بىلەن يىننىڭ پېرېۋوت نىسبىتى ئىككى سودا كۈنىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتا 112.30 غا چىقتى، ياپونىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ پۇل سىياسىتى ئۆزگەرمىدى، يىننىڭ كۆرسەتكۈچى يەنىلا بېسىمغا ئۇچرىدى؛
خۇيتۇڭ تورى: دوللار كۆرسەتكۈچى ئىككى سودا كۈنىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتا 94.95 غا چىقتى، 95 نۇقتىلىق ئۆتكەلگە يېقىنلاشتى؛
خۇيتۇڭ تورى: ئامېرىكا دوللىرى بىلەن شۋىتسارىيە فرانكىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى ئىككى سودا كۈنىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتا 0.9572 غا چىقتى؛

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.