2016-يىلى مەبلەغ سالغۇچىلار دىققەت قىلىدىغان ئۈچ چوڭ ھاۋالە پۇرسىتى

rabigul 2016-01-11 17:53:41

\

2015-يىلى مەركىزىي بانكىنىڭ بەش قېتىم ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو ئاللىقاچان ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش دەۋرىگە كىردى؛ ھاۋالە مەھسۇلاتنىڭ پايدا نىسبىتىمۇ تۆۋەنلەش يولىغا قەدەم قويدى. ئاپپارات تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، ئىلگىرى جۇغلانما ھاۋالە فوند ئىچىدە دائىم كۆرۈلىدىغان %10 ئەتراپىدىكى ئوتتۇرچە پايدىدىن، نۆۋەتتە %8.5 غىچە تۆۋەنلەپ كەتتى. 2016-يىلى مەبلەغ سالغۇچىلار بىر تەرەپتىن تۆۋەن پايدا نىسبىتى مۆلچەرگە مۇھتاج، يەنە بىر تەرەپتىن بەزى يېڭىدىن مەبلەغ سېلىشقا ئەرزىيدىغان ھاۋالە تۈرى ياكى يۆنىلىشىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.

2016-يىلى مەبلەغ سالغۇچىلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۈچ خىل ھاۋالىنىڭ مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى:

1." مۇقىم + تۇراقسىز " پايدا تۈرلىرى : ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەگە تەڭ ئېتىبار بېرىش؛

مۇقىم پايدىلىق مەھسۇلاتى ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش دەۋرى ئاستىدىكى پۇل قىسلىقى خەۋپ-خەتىرگە قارشى تۇرىدۇ. پاي چېكى بازىرىنىڭ ئىنتايىن چوڭ خەۋپ-خەتىرىنى كۆزدە تۇتقاندا، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ 2016-يىلى مۇقىم سېتىۋېلىش + تۇراقسىز پايدىلىق مەھسۇلات زىيانلىق ئەمەس.

2.ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ھاۋالە: پۇختا، ئۈنۈمى بىرقەدەر يۇقىرى؛

2016-يىلى ماكرو ئىقتىسادى ياخشى بولمىغانلىقتىن، بازارنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىكى ئۆسۈم نىسبىتى يەنىلا تۆۋەنلەش يولىدا تۇرىۋاتىدۇ. ھاۋالە مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، پايدا نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىمۇ ئەڭ چوڭ ئېھتىماللىق ھادىسە.

3.PE پاي ھوقۇقى تۈردىكى يېڭىلىق يارىتىش مەھسۇلاتى؛

كاپىتال بازىرى 2016-يىلى بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنى كۈتۈۋالىدۇ. رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمى، ئىستراتېگىيىلىك يېڭىدىن گۈللىنىش تاختىسى، يېڭى ئۈچ تاختا ئىسلاھاتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پاي ھوقۇقى دەۋرنىڭ پات ئارىدا باشلىندىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ 2015-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئىككىنچى دەرىجىلىك بازارنىڭ تەۋرىنىشى كۈچەيدى، مەبلەغ سېلىش خەۋپ-خەتىرىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ چوڭايدى، لېكىن ھازىر ئىنتايىن كۆپ ھاۋالە شىركىتى بولسا 1-دەرىجىلىك بازارغا يەنىلا خېلى پۇرسەت يارىتىپ بېرىلگەنلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.