3- پەسىلدە ئاساسىي زايوم فوندىنىڭ كۈچىيىشى ساپ زايوم فوندىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى

rabigul 2015-10-09 17:26:19

\

ئەمدىلا 3-پەسىل ئۆتۈپ كېتىپ، زايوم بازىرىدىكى مەبلەغ سېلىشنى ئاساس قىلىغان فوندىنىڭ ئومۇمىي ھالىتى بىر قەدەر ياخشى بولغان. قەرز فوندىنى تۇتۇپ قالغاندىن كېيىن، 3-پەسىلدە زايوم فوندى ئوتتۇرىچە ساپ قىممىتى %0.8 ئۆرلەپ كەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ساپ زايوم فوندى ئوتتۇرىچە ساپ قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %2.3 كە يەتكەن.

كۈندىلىك سىتاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر خىل زايوم فوندى ئىچىدە، 3-پەسىلدە ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغىنى ساپ زايوم فوندى، ساپ قەرز فوند مەھسۇلاتلىرىنىڭ 3-پەسلىدىكى ئوتتۇرىچە ساپ قىممىتى %2.3 ئاشقان بولۇپ، زايوم فوندى ئوتتۇرىچە ئۆسۈش نىسبىتى تەخمىنەن 3 ھەسسە ئەتراپىدا. پاي چېكى بازىرى ئەھۋالى داۋالغۇپ چۈشۈشنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرغان بولغاچقا، 2015 - يىلى 3-پەسلىدىكى قەرز فوندى ئوتتۇرىچە تۆۋەنلەش نىسبىتى %10 تىن يۇقىرى بولغان.

بىرىنچى دەرىجىلىك قەرز فوندى ۋە 2-دەرىجىلىك قەرز فوندى ئىپادىسى ئوتتۇرىدا، 2015 - يىلى 3- پەسىلدە بىر تۈركۈمدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك قەرز فوندى ۋە 2-دەرىجىلىك قەرز فوندى ئاساسىي پايدا نىسبىتى %3 تىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بىر تۈركۈمدىكى 3- پەسىلدە بىرىنچى دەرىجىلىك قەرز فوندى ۋە 2 - دەرىجىلىك قەرز فوندى مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى %3 تىن ئېشىپ كەتكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.