بۇ ھەپتە ئىچىدە بازاردا چوڭراق تەۋرىنىش پەيدا قىلىدىغان ئامىللار

rabigul 2019-04-22 17:25:07

\

بۇ ھەپتە مەبلەغ سالغۇچىلار بىر قاتار مۇھىم ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلارنى كۈتۈۋالىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا GDP سانلىق مەلۇماتى مۇھىمراق بولۇپ، ئەگەر سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقسا، دوللارنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولىشى مۇمكىن، بۇ ئالتۇن باھاسىغا نىسبەتەن بېسىم پەيدا قىلىدۇ. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، بۇ ھەپتە ئەنگىلىيىنىڭ ياۋروپا رايونىدىن چېكىنىش توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك؛ بۇنىڭدىن سىرت، جۇڭگو ئامېرىكا سودا سۆھبىتىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر يەنىلا بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى؛ مۆلچەرلىنىشىچە بۇ ئىككى ئامىلمۇ بازارنىڭ يۈزلىنىشىدە بىر قەدەر چوڭ تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بۇ ئامىللاردىن سىرت، ياپونىيە مەركىزى بانكىسى ۋە كانادا مەركىزى بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتى قارارىنى ئېلان قىلىدۇ، بۇ خەۋەرلەرمۇ بازاردا بەلگىلىك تەۋرىنىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

بۇ ھەپتە مۇھىم سانلىق مەلۇمات ئامېرىكا 1-پەسىللىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنىدۇ، بۇ سانلىق مەلۇمات بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20:30 دا ئېلان قىلىنىدۇ، تەھلىلچىلەر بۇ سانلىق مەلۇمات ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان تەسىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ.

ئامېرىكا GDP سانلىق مەلۇماتىدىن سىرت، بۇ ھەپتە ئامېرىكا تەرەپ يەنە پۈتكەن ئۆينى سېتىش ۋە چىداشلىق بويۇم زاكاس تالونى قاتارلىق باشقا سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىدۇ؛
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.