ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يىغىنى بۈگۈن كەچتەئېچىلىدۇ

rabigul 2019-03-19 18:34:24

\

دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاستىلاۋاتقان ئەھۋالدا ، سودا خادىملىرى بۈگۈن سەل كەچ ئېچىلغان ئىككى كۈن ئىچىدىكى ئامېرىكا فىدراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يىغىنى ئېچىپ ، ئامېرىكىنىڭ قەرز پۇل تەننەرخ يولىغا مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچىنى ئىزدىدى.

نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى كۆرسەتكۈچ ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ دەپ مۆلچەرلىدى ھەمدە پۇل سىياسىتىدە سەۋرچانلىق بىلەن چىڭ تۇردى.

رۇيسۈي ئاكسىيەسىنىڭ باش تاشقى پېرېۋوت پىلانلىغۇچىسى ياماموتو مۇنۇلارنى بىلدۈردى": گەرچە بازار بۇ قېتىمقى يىغىندا تېخىمۇ ئازادە پوزېتسىيەنى نامايان قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما پاي بازىرىدا بۇنىڭغا قارىتا ئىجابىي ئىنكاس بولۇشى مۇمكىن ئەمەس."

فېدېراتسىيە فوندى ئۆسۈم نىسبىتى قەرەللىك ماللىرىنىڭ ئەڭ يېڭى بازار ئەھۋالىغا قارىغاندا ، بازار مۆلچەرى 2019-يىلى ئۆسۈم نىسبىتىنى بىر قېتىم تۆۋەنلىتىش نىسبىتى تەخمىنەن%30 بولۇپ ، مۇشۇ ئايدا سەل بالدۇر بولغاندا مۆلچەرلىگەن نىسبەت تەخمىنەن%0.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ قارارىدىن باشقا ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش ۋەزىيىتى داۋاملىق كىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. فونىستىرلىڭ يېرىم كېچە ئىچىدە 1.3183دوللارغا چۈشۈپ قالدى ، ئەنگىلىيە پارلامىنتى ئەزالىرى باش ۋەزىر تېرىسا مېينىڭ 3-قېتىم پارلامىنتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى قوللىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن گۇمانلانغانلىقى سەۋەپ بۇلىشى مۇمكىن.

تۆۋەن پالاتا باشلىقى بوكاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش ۋەزىر قايتا بىر پارچە پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان تەكلىپنى تاپشۇرمىغىچە پارلامېنتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش پىلانى توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم بېلەت تاشلاشقا بولمايدۇ. ترېسامېرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش پىلانىدا تېخىمۇ چوڭ ئۆزگىرىش بولدى.

ئەگەر تىرىسا مېي ھەپتىنىڭ تۆتىدىكى ياۋرۇپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا ياۋرۇپا ئىتتپاقىنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىشنى تەستىقلاش ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى ئويلىسا ، ھازىر پەقەت 2 كۈن ۋاقىت ئىچىدە پارلامېنتنىڭ بۇ كېلىشىمنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.