ھۆكۈمەت P2P تور قەرز سۇپىسى ئۈچۈن تېخىمۇ تەرتىپلىك ۋە قولايلىق مۇھىت يارىتىپ بەردى

parida 2018-05-08 17:43:33

\

2016-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى بىلەن بىرلىكتە «تور قەرز ئۇچۇر ۋاستىچى ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسپىي پائالىيىتىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى‌» نى ئېلان قىلدى، «چارە»دە قەرزنىڭ يۇقىرى چېكى ئېنىق بېكىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، «پاسسىپ تىزىملىك» (چەت ئەل مەبلىغىگە چەك قويۇلىدىغان ساھەلەر تىزىملىكى) دە يېڭى بىر مەزمون كۆپەيتىلىپ، تور قەرز ئاپپاراتلىرىنىڭ قەرز ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش يەنى تور قەرز سۇپىسىنىڭ تۈرگە ئايرىلغان مۈلۈكلەرنى ئاكسىيەلەشتۈرۈش ياكى مۈلۈك، ئاكسىيەلەشتۈرۈلگەن مۈلۈك، ھاۋالىلىك مۈلۈك، فوند ئۈلۈشى قاتارلىق شەكىللەردە قەرز ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش قىلمىشلىرى چەكلىنىدۇ دەپ ئېنىق بەلگىلەندى.
ھۆكۈمەت P2P تور قەرز سۇپىسى ئۈچۈن تېخىمۇ قولايلىق ۋە تەرتىپلىك مۇھىت يارىتىپ بەردى. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، P2P تور قەرز سۇپىسى ئەمەلىيەتتە بىرخىل ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسى بولۇپ، سودىلىشىدىغان ئىككى تەرەپنى تېپىشتۇرىدۇ. قەرز ئالغۇچى تور قەرز سۇپىسىدا قەرز كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلىدۇ، مەبلەغ سالغۇچى كۆرسەتكۈچكە ئاساسەن قەرز ئالغۇچىنى قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇخىل قەرز بېرىش ۋە ئېلىش جەريانىدىكى ماتېرىيال، مەبلەغ، توختامغا ئائىت رەسمىيەتلەرنىڭ ھەممىسى تور قەرز سۇپىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. P2P تور قەرز سۇپىسى ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەلئارا قەرز شەكلىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن بىرخىل يېڭىچە پۇل-مۇئامىلە شەكلى ھېسابلىنىدۇ.
2016-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى، بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلا «تور قەرز ئۇچۇر ۋاستىچى ئاپپاراتلىرىنىڭ پائالىيىتىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» نى ئېلان قىلدى. «چارە» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە 2016-يىلنىڭ ئاخىرى ۋە 2017-يىلنىڭ بېشىدا، «تور قەرز ئۇچۇر ۋاستىچى ئاپپاراتلىرىنى تىزىمغا ئالدۇرۇشنى باشقۇرۇش كۆرسەتمىسى» ۋە«تور قەرز مۈلكىنى ساقلاش ۋە باشقۇرۇش كەسپى قوللانمىسى» نى ئېلان قىلدى. ئارقىدىن 2017-يىلى 8-ئايدا يەنە «تور قەرز ئۇچۇر ۋاستىچى ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسپىي پائالىيىتى ۋە ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش كۆرسەتمىسى» نى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن تور قەرز كەسپىنىڭ «3+1» تۈزۈم قۇرۇلمىسى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈپ، دەسلەپكى قەدەمدە بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان تۈزۈم سىياسىتى سېستىمىسى شەكىللەندى. بۇ تور قەرز كەسپىنىڭ بەلگىلىمىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا تور قەرز خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدايدۇ، كەسىپنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ھالدا تېخىمۇ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، تور قەرز ئاپپاراتلىرى ئارىسىدا «ياخشىسىنى ساقلاپ قېلىپ ناچىرىنى شاللاش»نى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.