مالىيە باشقۇرۇشنى قاچاندىن، قانچە پۇلدىن باشلىسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟

parida 2018-04-27 17:57:59

\

مالىيە باشقۇرۇشتا پۇلنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە ئېنىق ئۆلچەم قويۇلمايدۇ، ئەمما قانچە بالدۇر باشلىسا شۇنچە ياخشى. مەسىلەن، ئەگەر ھەر ئايدا 100 يۈەن ئىقتىساد قىلىپ فوند سېتىۋالغاندا، 20 ياشتىن 60 ياشقىچە جەمئىي 637800 يۈەن تاپقىلى بولىدۇ؛ 30 ياشتىن 60 ياشقىچە جەمئىي 220000 يۈەن، 40 ياشتىن 60 ياشقىچە جەمئىي 70000 يۈەن، 50 ياشتىن 60 ياشقىچە جەمئىي 20000 يۈەن تاپقىلى بولىدۇ، شۇڭا ئىقتىسادتا مۇستەقىل بولغاندىن باشلاپلا مالىيە باشقۇرۇشقا كىرىشسىڭىز بولىدۇ. تېخىمۇ ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، تاكسى پۇلىنى بىر قېتىم ئىقتىساد قىلسىڭىز، ھۆسىن تۈزىتىشكە بىر قېتىم ئاز پۇل خەجلىسىڭىز، بىر قېتىم ئاددىي تاماقلانسىڭىز، ئىقتىساد قىلغان پۇلىڭىزنى مەبلەغ سېلىشقا ئىشلەتسىڭىز پۇل ئارقىلىق پۇل تاپالايسىز. بايلار پۇلنى قانداق تىجەشنى بىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار پۇلنىڭ ئاسان قولغا كەلمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. بايلار ھەرگىزمۇ تۇغۇلۇشىدىلا باي تۇغۇلغان ئەمەس، ياكى تەلەيلىك بولۇپ بىر كېچىدىلا باي بولۇپ كەتكەن ئەمەس. بايلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت قىلىش ئۇسۇلى، تىرىشچانلىق كۆرسىتىش دەرىجىسى، تەپەككۇر ئۇسۇلى، ئىش قىلىش ئۇسلۇبى ۋە ئادىتى قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكلەرنى ھازىرلىغان، ئۇلارنىڭ بايلىق يارىتىشتىكى مۇۋەپپەقىيىتى ئەمەلىيەتتە نۇرغۇنلىغان زۆرۈر ئامىللارنىڭ يىغىندىسىدىن كەلگەن. شۇڭا ئەتىدىن كەچكىچە بايلارنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرمۇشىغا ھەۋس قىلىپ ئولتۇرماي، ئۆزىڭىزمۇ ھەرىكەتنى باشلاڭ. ئارتۇقچىلىقىلىرىڭىزنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كەمچىلىكلىرىڭىزنى تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىڭ. ئەگەر نىمە ئىش قىلىشنى بىلمىسىڭىز ئۇنداقتا ھەممە ئىشنى سىناپ بېقىڭ، بۇ ھېچ بولمىغاندا سىز ئۈچۈن بىر قىممەتلىك تەجىربە بولىدۇ. تەجىربىلەر ئاز-ئازدىن يىغىلغاندا ئۆزىڭىزنىڭ ئەۋزەللىك تەرەپلىرىڭىزنى ھەمدە ئۆزىڭىزگە ئەڭ ماس كېلىدىغان تەرەپلەرنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈپ يىتەلەيسىز. ئەمەلىي تۇرمۇشتا تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ پۇل تېپىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى پۇلنى قانداق كۆپەيتىش ئىقتىدارىنىمۇ يىتىلدۈرۈش كېرەك. رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن بولۇۋاتقان دەۋىردە، پەقەت ئۆلۈك مائاشقا تايىنىپلا كۈن ئۆتكۈزگىلى بولمايدۇ، تېخىمۇ كۆپ بايلىق يارىتىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك، مۇشۇنداق ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىلا ئاندىن كەلگۈسىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.