سىزدە تۆۋەندىكىدەك مالىيە باشقۇرۇش ئادىتى بارمۇ، ئەگەر بار بولسا دەرھال ئۆزگەرتىڭ

parida 2018-04-26 18:45:36

\

مەبلەغ سېلىش، مالىيە باشقۇرۇش ساھەسىدە، ئىقتىدارلىقلار كۈندە پۇل تاپالايدۇ، ئەكسىچە بولغانلار ھەمىشە زىيان تارتىدۇ. باي ۋە نامراتلىق پەرقى دەل كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان مالىيە باشقۇرۇش ئۇسۇلىدىن، ئوخشاش بولمىغان مالىيە باشقۇرۇش ئادىتىدىن كېلىپ چىققان. تۆۋەندىكى مالىيە باشقۇرۇش ئادەتلىرى سىزدە بارمۇ-يوق، ئەگەر بار بولسا دەرھال ئۆزگەرتىڭ.
1. باشقىلار نېمە سېتىۋالسا دوراپ شۇنى سېتىۋىلىش. بۇ ناھايىتى خەتەرلىك بىرخىل مالىيە باشقۇرۇش ئۇسۇلى بولۇپ، يۇشۇرۇن خەۋپ-خەتەر ۋە زىيانغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى. مەبلەغ سېلىش ۋە مالىيە باشقۇرۇشتا، ئۆزىنىڭ خەۋپ-خەتەرنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تاللاش كېرەك. باشقىلار بىلەن سىزنىڭ خەۋپ-خەتەرنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىڭىز ئوخشىمايدۇ، شۇڭا، مالىيە باشقۇرۇشتا قارىغۇلارچە باشقىلارغا ئەگىشىشكە بولمايدۇ.
2. پەقەت پايدا نىسبىتى يۇقىرى تۈرلەرگىلا مەبلەغ سېلىش. قىسمەن كىشىلەر گەرچە مالىيە باشقۇرۇشنى بىلسىمۇ، ئەمما دائىم دىگۈدەك بىر كېچىدىلا باي بولۇپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن پەقەت پايدا نىسبىتى يۇقىرى تۈرلەرگىلا مەبلەغ سالىدۇ. ئەمما پايدا نىسبىتى يۇقىرى مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنىڭ خەۋپ-خەتىرىمۇ نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا ھەتتا پايدىغا ئېرىشەلمەيلا قالماستىن يەنە دىرىنىمۇ يوقىتىپ قويىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. شۇڭا مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆزلىرى تاللىغان مەبلەغ سېلىش تۈرىنىڭ خەۋپ-خەتەر دەرىجىسىنى ياخشى ئويلىشىشى كېرەك.
3. پەقەت بىرخىل تۈرگىلا مەبلەغ سېلىش. «تۇخۇمنىڭ ھەممىسىنى بىر سىۋەتكە سېلىشقا بولمايدۇ» دىگەن گەپ بار، بۇ كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ سېلىشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەگەر ئۆلۈك ھالدا پەقەت بىرلا خىل تۈرگە مەبلەغ سالغاندا، تاساددىي زىيان كۆرۈلۈپ قالسا، جەزمەن زىياننى ئۈستىگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر كۆپ تۈرگە مەبلەغ سالغاندا ھەمدە نىسبىتىنى مۇۋاپىق تەڭشىگەندە، خەۋپ-خەتەرنى تارقاق ھالەتتە كونترول قىلغىلى، چوڭ زىياننىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
4. قالايمىقان مەبلەغ سېلىش. قسىمەن كىشىلەر كۆپ خىل تۈرنى تاللاپ قالايمىقان مەبلەغ سالىدۇ، «بىرسى بولمىسا يەنە بىرسىدىن چوقۇم پايدا ئالىمەن» دەپ قارايدۇ. مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى قالايمىقان تاللاپ مەبلەغ سالغاندا، ئەگەر بىر تۈردە كۈتۈلمىگەن زىيان كۆرۈلسە، ئۇنداقتا ئومۇمىي كىرىم ۋە پايدىغا تەسىر يېتىدۇ.
5. ئېشىنچە پۇلنى بانكىغىلا ئامانەت قويۇش. كۆپىنچە كىشىلەر ئېشىنچە پۇلىنى بانكىغىلا ئامانەت قويىدۇ، پۇل ئارقىلىق پۇل تېپىش ئۈستىدە ئويلانمايدۇ، شۇ سەۋەبتىن مالىيە باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى ۋە مەبلەغ سېلىش يوللىرىنى تېخىمۇ چۈشەنمەيدۇ. بۇ ئەڭ ئىپتىدائىي بىر خىل مالىيە باشقۇرۇش ئۇسۇلى بولۇپ، «ھورۇنلارنىڭ مالىيە باشقۇرۇش ئۇسۇلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پۇلنى پەقەت بانكىغا ئامانەت قويۇشنىلا بىلىدىغان كىشىلەر مالىيە باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا ھېچقانچە چۈشەنچىسى بولمىغاچقا، باشقىلار كۆپلەپ پۇل تاپقاندا، بۇلارنىڭ پۇلى بانكىدا يەنىلا ئەسلىدىكى ھالدا ساقلىنىدۇ.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، مەبلەغ سېلىش ۋە مالىيە باشقۇرۇش بىر چوڭ ئىلىم، «دەرەخ تىكىپ سايىدەش» ئۈچۈن جەزمەن ئۇنى ئوبدان پەرۋىش قىلىش كېرەك، يەنى ياخشى بولغان مالىيە باشقۇرۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش، ياخشى بولغان مالىيە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك، شۇندىلا كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.