مىنشىن شىركىتى قارمىقىدىكى فېڭخۇاڭ فوند شىركىتى چوڭ پاتنېتقا ئېرىشتى

parida 2018-04-26 17:51:18

\

«تور قەرز ئائىلىسى» تورى 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېلان قىلغان ئىستاتېستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرىسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە 376 شىركەت فوندنى ۋاكالىتەن سېتىش پاتېنتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بانكا، ئاكسىيە، سۇغۇرتا، قەرەللىك مال قاتارلىق پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى چىقىرىۋەتكەندە، جەمئىي 116 3-تەرەپ مالىيە باشقۇرۇش ئاپپاراتى فوندنى ۋاكالىتەن سېتىش پاتېنتىغا ئېرىشتى. مىنشىن شىركىتى قارمىقىدىكى تىيەنجىن شەھەرلىك فېڭ خۇاڭ بايلىق فوندى سېتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىمۇ بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى.
ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى يېقىندا «ئالاقە تورى ئارقىلىق مۈلۈك باشقۇرۇش كەسپىنى تەرتىپكە سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش خىزمىتى ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (قىسقارتىلىپ «29-نومۇرلۇق ھۈججەت» دەپ ئاتىلىدۇ) تارقاتتى. «29-نومۇرلۇق ھۈججەت»تە، ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق ئاشكارا تارقىتىش، سېتىش مۈلۈك باشقۇرۇش ئورۇنلىرى جەزمەن مەركەز پۇل-مۇئامىلە باشقۇرۇش ئورۇنلىرى تارقاتقان مۈلۈك باشقۇرۇش كەسپى پاتېنتى ياكى مۈلۈك باشقۇرۇش مەھسۇلاتىنى ۋاكالىتەن سېتىش پاتېنتىنى ئېلىشى كېرەك. ئىجازەتكە ئېرىشمەي تۇرۇپ ئېنتىرنت تورى ئارقىلىق ئاشكارا تارقىتىش ياكى مۈلۈك باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرىنى ۋاكالىتەن سېتىشقا بولمايدۇ دەپ بەلگىلەندى. مىنشىن شىركىتىنىڭ مۇتەخەسىسلىرى «29-نومۇرلۇق ھۈججەت» پۇل-مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى يېڭى بىر دەرىجىگە كۆتۈرىدۇ دەپ قارىدى.
فېڭ خۇاڭ فوند سېتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى- جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى تەستىقلىغان، ئاشكارا فوندنى سېتىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان مىنشىن شىركىتى قارمىقىدىكى مەبلەغ باشقۇرۇش شىركىتى بولۇپ، ساپ قىممىتى يۇقىرى خېرىدارلارنى كەسپىي ۋە ئومۇميۈزلۈك ھالدا بىر جايدا مۈلۈك تەقسىملەش ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. فېڭ خۇاڭ فوند سېتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە فوندنى ۋاكالىتەن سېتىش پاتېنتىغا ئېرىشكەن ئاز ساندىكى شىركەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ناھايىتى مۇكەممەل بولغان ئىچكى كونترول قىلىش مېخانىزىمى، خەۋپ-خەتەرنى باشقۇرۇش ۋە فوند سېتىش كەسپى تۈزۈمىنى ھازىرلىغان. فوند سېتىش، سېتىۋىلىشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە ھەق تۆلەپ قايتۇرۇۋىلىش قاتارلىق كەسپلەر بىر گەۋدىلەشكەن بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك فوند سېتىش كەسپى ئۇچۇر باشقۇرۇش سۇپىسى بولۇپ، خېرىدارلارنى ھەرتەرەپلىمىلىك كاپىتال بازىرى ئۇنىۋېرسال ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.