سىز نېمىشقا پۇل تاپالمايسىز؟

parida 2018-04-24 18:15:35

\

«پولات-چىۋىقلىق سېمونت»تىن پۈتۈلگەن بۇ رەھىمسىز جەمئىيەتتە، ئالاقە تورى باش كۆتۈرگەن بۇ چوڭ دۇلقۇندا، ئېگىلىك تىكلەش ۋە پۇل تېپىش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىردىنبىر نىشانىغا ئايلاندى. بايلىق قوغلىشىش يامان ئىش ئەمەس، ئەمما ھەركۈنى، ھەرۋاقىت، ھەر سىكۇنت پۇل تېپىشنى ئويلاش پەقەت ئەخمەقنىڭ ئىشى. تۆۋەندە بىز پۇل تېپىشنىڭ ماھىيىتى ھەمدە كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ نىمە ئۈچۈن پۇل تاپالمايدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.
پۇل تېپىش بىرخىل جەريان ئەمەس بەلكى بىر خىل نەتىجە، بۇ قائىدىنى چۈشىنىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن پۇلنىڭ زادى قەيەردىن كېلىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ تاپقان پۇلىمىز قىممەت ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق قولغا كەلگەن. شۇڭا سىزنىڭ ھەركۈنى قانداق پۇل تېپىش توغرىسىدا كاللا قاتۇرۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، بەلكى ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ قىممىتى بارمۇ-يوق شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىڭىز كېرەك. سىز مۇۋەپپەقىيەتكە قانچە ئىنتىلسىڭىز مۇۋەپپەقىيەت سىزگە شۇنچە يېقىنلىشىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر سىز دىققىتىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرسىڭىز، ئۇنداقتا پۇلمۇ ئۆزلۈكىدىن سىزنىڭ يانچۇقىڭىزغا قاراپ ئاقىدۇ.
سىز مەلۇم بىر ساھەدە، مەلۇم بىر كەسىپتە جاپالىق 10 يىل ئىشلىگەندىن كېيىن، شۇ خىل كەسىپتە مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىدار ھازىرلايسىز ھەمدە مەلۇم دائىرىدە كىشىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىسىز، سىز 10 يىل جەريانىدا توپلىغان قىممىتىڭىز ئارقىلىق بايلىق ئالماشتۇرالايسىز. نۇرغۇن سودىگەرلەر ئىستىمالچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىۋالمىغانلىقىدىن ئاغرىنىدۇ. ئىستىمالچىلارنىڭ مەھسۇلاتىڭىزنى سېتىۋالماسلىقى توغرا، چۈنكى سىز ئۇلار ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىغان. مەھسۇلات پەقەت قىممەت زەنجىرى ئىچىدىكى بىر ھالقا، ئەمەلىيەتتە مەھسۇلاتنىڭ قىممىتى يوق، پەقەت مەسىلىنى ھەل قىلىش لايىھەسىلا ئاندىن قىممەتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. سىز ھەل قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقالىسىڭىزلا ئاندىن قىممەت ۋە بايلىق يارىتالايسىز. شۇڭا پۇل تېپىش بىرخىل جەريان ئەمەس بەلكى، سىز بىر ياخشى ئىشنى قىلغاندىن كېيىنكى نەتىجىدىن ئىبارەت.
ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ؟ بىر ئادەم مەلۇم بىر شىركەتتە 10 يىل خىزمەت قىلغان بولسا، ھەركۈنى ئوخشاش ئۇسۇلدا ئوخشاش خىزمەتنى قىلغان ھەمدە ھەرئايدا ئوخشاش مائاش ئالغان بولسا، بۇ ئادەم بەلكىم خوجايىنىغا: مەن شىركەتتە 10 يىل ئىشلىدىم، مېنىڭ 10 يىللىق تەجىربەم بار دەپ مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. ئەمما خوجايىن ئەپسۇسلانغان ھالدا: سىزنىڭ 10 يىللىق تەجىربىڭىز يوق، بەلكى سىز بىرخىل تەجىربىنى 10 يىل داۋاملاشتۇردىڭىز دەپ جاۋاب بېرىشى مۇمكىن. شۇڭا، سىز پۇل تاپىمەن دەيدىكەنسىز جەزمەن توختىماي ئۆگىنىشىڭىز، ئىزدىنىشىڭىز، ئۆز قىممىتىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىڭىز كېرەك.
ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟ كەلگۈسىمىز بىزگە نامەلۇم، شۇڭا بىز بارلىق تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ ھازىرقى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك، مەيلى قايسى ساھەدە بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر ھەر كۈنى ئاز-ئازدىن ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، تۆنۈگۈن بىرگە بىرنى قوشسا ئىككى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتۇق، ئەمما بۈگۈن بۇنى بىلىۋالدۇق مانا بۇنىڭ ئۆزى ئىلگىرىلەش. تۆنۈگۈن بىز تاماقتىن كېيىن جىددىي ھەرىكەت قىلىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتۇق، بۈگۈن بۇ قانۇنىيەتنى بىلىۋالدۇق، بۇمۇ بىر چوڭ ئىلگىرىلەش ھېسابلىنىدۇ. سىز ھەركۈنى چۈشىنىپ يەتكەن شۇ كىچىك بىلىملەر ئېھتىمال سىزنىڭ ئەتىڭىزنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن، ئەمما ئەگەر سىز بۇرۇنقىدەك شۇ كونا مۇقامدا كېتىۋەرسىڭىز، ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنى تۈگەشتۈرۈۋالىسىز. ھاياتقا بولغان قىزغىنلىق بىزنىڭ ھەركۈنى يېڭىچە تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىمىزنى كۈچەيتىدۇ. شۇڭا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆپلەپ پۇل تېپىشىنى ئەمەلىيەتتە ھاياتقا بولغان بىرخىل قىزغىنلىقنىڭ نەتىجىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.