ئەقىللىق مەبلەغ سالغۇچىلار بانكىلار بىلەن ئاز ئالاقە قىلىدۇ

parida 2018-04-10 17:26:21

\

نىمە ئۈچۈن بانكا مالىيەسىنىڭ دەۋرىي پايدا نىسبىتى %5~%3 كىچە، ئەمما P2P تور قەرز كەسپىنىڭ پايدا نىسبىتى %13~%6 گىچە بولىدۇ؟ بانكىلار گەرچە قانۇنلۇق پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتى بولسىمۇ ئەمما مەبلەغ سېلىشتىكى بىردىنبىر تاللاش ئەمەس. ئىككى پۇل-مۇئامىلە شەكلىدە مەبلەغ سالغۇچىلار گەرچە ئوخشاش خەۋپ-خەتەرنى ئۈستىگە ئالسىمۇ ئەمما بانكا مالىيەسىدە پايدىنىڭ كۆپ قىسىمىنى بانكىلار ئالىدۇ. شۇڭا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مالىيە باشقۇرۇش جەھەتتىكى نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشى، يېڭى شەيئىلەرنى قۇبۇل قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم. P2P تور قەرز كەسپى بىلەن بانكا مالىيەسىنىڭ قائىدىسى، ئۆلچىمى، تەننەرخى ئوخشىمايدۇ. P2P تور قەرز كەسپى مەبلەغ ئۆلچىمى، دەۋرىي پايدا نىسبىتى، مەبلەغنىڭ ئېقىشچانلىقى، رەسمىيەت ھەققى، تۈرىنىڭ ئەمەلىيلىكى، رەنىلىك كاپالىتى، بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىن بانكا مالىيەسىگە قارىغاندا مۇتلەق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە. P2P تور قەرز كەسپى ئاساسىي قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىنغان. P2P تور قەرز كەسپى مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئەلا سۈپەتلىك، ساغلام ۋە مۇقىم مالىيە باشقۇرۇش شەكلى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولۇدۇكى، P2P تور قەرز كەسپىگە مەبلەغ سالغۇچىلار قانۇننىڭ قوغدىشى ئاستىدا يۇقىرى پايدا نىسبىتىگە ئېرىشەلەيدۇ، ئەكسىچە بۇ كەسپنى چۈشەنمەيدىغانلار پۇل پاخاللىقىنىڭ بېسىمىغا داۋاملىق ئۇچرايدۇ. بۇ يىللىق ئىككى يىغىندا، P2P ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلە كەسپى يەنە بىر قېتىم ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى. P2P ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلە كەسپى 10 يىلغا يېقىن تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈردى، دۆلەت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرى بۇ كەسىپكە قارىتا ئۈزلۈكسىز يېڭى بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، كەسىپنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇڭا مەبلەغ سالغۇچىلار P2P تور قەرز كەسپىگە خاتىرجەم مەبلەغ سالسا بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.