قانداق قىلغاندا ئاز مەبلەغ بىلەن كۆپلەپ كىرىمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ؟

parida 2018-03-20 17:32:14

\

بىز دۇنياۋى داڭلىق كارخانىچى بېيكېر خاججىس (Baker haggis) نىڭ «ئېرىق قېزىش ھەققىدە ھېكايە» ناملىق داڭلىق ئەسىرىدە بايان قىلىنغان مەبلەغ سېلىپ پۇل تېپىشنىڭ ئاقىلانە ئۇسۇلى ۋە تەجىربىلىرى بىلەن تونۇشتۇق. ھېكايە گەرچە ناھايىتى ئاددىي بولسىمۇ، ئەمما مەبلەغ سېلىپ پۇل تېپىشتىكى ئاقىلانە ئۇسۇل ۋە چوڭقۇر پىكىرلەر ئوتتۇرغا قويۇلغان. ھېكايىنىڭ مەزمونىدىن شۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولۇدىكى:
1.ئالدى بىلەن جەزمەن «ئېرىق ياساش» ئىدىيىسى بولۇشى كېرەك. ھېكايىدە سۆزلەنگەن «ئېرىق قېزىش» ئۇسۇلى ئەمەلىيەتتە مەبلەغ سالغۇچىنىڭ مەبلىغىنى ئاپتوماتىك ئايلاندۇرىدىغان سېستىمىغا سىموۋول قىلىنغان. مەسىلەن، بانكىدا ساقلىنىۋاتقان پۇلنىڭ ئۆسۈمى، ئۆي ئىجارە كىرىمى قاتارلىقلار خۇددى ھېكايىدە سۆزلەنگەن «ئېرىق»قا ئوخشايدۇ. كاللىسى بار ئادەم ئەلۋەتتە سۇ توشۇش بىلەن «ئېرىق قېزىش»نىڭ پەرقىنى بىلەلەيدۇ. «ئېرىق قېزىش» دەسلەپتە جاپالىق بولىدۇ، ئەمما نەتىجىسى ياكى ئۈنۈمى ئالاھىدە بولىدۇ. مەسىلەن، سىزنىڭ ھەر ئايلىق ئىستىمال چىقىمىڭىز 5000 يۈەن ئەتراپىدا بولسا، ئۆسۈم پايدىسىغا قاراشلىق بولسىڭىز، يىللىق پايدا نىسبىتىنى %4 ئەتراپىدا ھېسابلىغاندا قالدۇقدانىڭىزدا قانچىلىك پۇل قالىدۇ؟ جاۋابى: بىر مىليۇن 500 مىڭ يۈەن قالىدۇ، يەنى ئەگەر سىزنىڭ قالدۇقدانىڭىزدا بىر مىليۇن 500 مىڭ يۈەن پۇلىڭىز بولغان بولسا، ھەرئايدا 5000 يۈەن «پاسسىپ كىرىم» قىلالايسىز. قالدۇقداننىڭ يۇقىرى چېكى 100 مىڭ يۈەن بىلەن چەكلىنىدۇ، شۇڭا باشقا مالىيە تۈرلىرى مەسىلەن فوند، پايچەك، سۇغۇرتا، P2P قاتارلىق پۇل-مۇئامىلە تۈرلىرىنى سىناق باقسىڭىز بولىدۇ.
2. ئالدى بىلەن «چېلەكتە سۇ توشۇش» ئارقىلىق ھايات كەچۈرۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. «پاسسىپ كىرىم» نى ھەممەيلەن قوغلىشىدۇ. ئەمما بۇنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا جەزمەن «ئاكتىپ كىرىم»گە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. مەبلەغ سېلىپ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئېشىنچا پۇلى بولۇش ئاندىن كېيىن مەبلەغ سېلىش كېرەك.
3. كۆرۈنەرلىك نەتىجە چىقىشتىن بۇرۇن تىت-تىت بولمايدىغان، ئېزىپ كەتمەيدىغان، زەربىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئىدىيە بولۇشى كېرەك. مەسىلەن «ئېرىق قېزىش» ھېكايىسىدىكى برونۇ دەسلەپتە «ئاكتىپ كىرىم» يەنى چىلەكتە سۇ توشۇش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامداش بىلەن بىرگە يەنە، ئۆزىنىڭ يىراق مەزگىللىك پىلانى ئۈچۈن كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتتىن ۋاز كېچىپ زېھنىنى «ئېرىق قېزىش» قا قاراتتى. شۇنىڭغا ئوخشاش «پاسسىپ كىرىم» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا ھەرخىل قېيىنچىلىق ۋە توسالغۇلارغا ئۇچرىشىمىز ھەتتا باشقىلار مەسخىرە قىلىشىمۇ مۇمكىن، ئەمما يەنىلا نەپسىمىز ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، يېرىم يولدا تاشلاپ قويمايسلىقىمىز كېرەك.
4. «ئېرىق» ئاز-ئازدىن كولاش ئارقىلىق قېزىپ چىقىلىدۇ. بۇ خىل قائىدە مەبلەغ سېلىپ پۇل تېپىشتىن باشقا يەنە نۇرغۇن ساھەلەرگە ماس كېلىدۇ. ئەگەر زېھنىمىز ۋە ۋاقتىمىزنى مەلۇم بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرسەك، ئۇنداقتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتىمىز يۇقىرى بولىدۇ. ئەگەر ئېنىق بىر نىشان بولماي ئۇنىڭغىمۇ بېرىلىپ، بۇنىڭغىمۇ ئارىلاشساق، ئۇنداقتا ھەممىسى قالايمىقانلىشىپ، نەتىجە كۆرۈلمەستىن ئەكسىچە زىيان كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا، مەبلەغ سېلىپ پۇل تېپىشتا تەلەيگە ئەمەس بەلكى بىلىم-ساپا ۋە تېخنىكىغا تايىنىش، تېخىمۇ چوڭ بايلىق پۇرسىتىنى ئېگىلەش ئەڭ مۇھىم.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.