(1) مەبلەغ سېلىش ھەققىدە ھېكايە

parida 2018-03-20 16:21:39

\

بۇ ماقالىدە دۇنياۋى داڭلىق كارخانىچى بېيكېر خاججىس (Baker haggis) نىڭ «ئېرىق ياساش ھەققىدە ھېكايە» ناملىق داڭلىق ئەسىرى ئارقىلىق، مەبلەغ سېلىپ پۇل تېپىشنىڭ ئاقىلانە ئۇسۇلى ۋە تەجىربىلىرى سۆزلىنىدۇ.
ھېكايىدە سۆزلىنىشىچە، 14-ئەسىرلەردە ئىتالىيەنىڭ بىر كىچىك كەنتىدە ئىككى ياش ئاكا-ئۇكىلار ئۆتكەن بولۇپ، ئۇلار كىچىكىدىنلا كەلگۈسىدە كۆپ پۇل تېپىپ چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتىشكە ئىرادە باغلىغان ئىكەن.
ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئىسىمى ئابور، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى برونۇ بولۇپ نەۋە ئىدى. ئۇلار ئىنتايىن ئەقىللىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ پۇل تېپىپ كەنتتىكى ئەڭ باي كىشىلەرگە ئايلىنىشى ئۈچۈن پەقەت ۋە پەقەت پۇرسەتلا كەم ئىدى. بۇ پۇرسەتمۇ ئاخىرى كەلدى، كەنت كەنىتنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى سۇنى كەنت ئىچىدىكى كۆلچەككە توشۇپ كېلىشكە ئىككى ئادەم ياللىماقچى بولۇپ، بۇ خىزمەتنى ئابور بىلەن برونۇغا تاپشۇردى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىككى ياش ئاكا-ئۇكا بۇ جاپالىق خىزمەتنى باشلىدى، بىر كۈن جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق كەنتتىكى كۆلچەك سۇ بىلەن توشقۇزۇلدى، كەنت باشلىقى ھەربىر چىلەك سۇ ئۈچۈن بىر يۈەن پۇل بەردى. بىر كۈن ئىشلەپ تاپقان پۇلى ئۇلار ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ پۇل بولۇپ بۇنداق پۇل تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن بەكمۇ خۇشال بولدى. ئەمما برونۇ مۇنداق ئويلاپ قالدى، يەنى ھەر كۈنى سۇ توشۇپ پۇل تېپىشقۇ ياخشى ئىش، ئەمما بۇنى قانچىلىك ۋاقىت داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ؟ جەزمەن بۇنىڭدىنمۇ ياخشى چارىنى تېپىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن برونو ئابوغا مۇنداق تەكلىپ بەردى: بىر كۈن كەچكىچە سۇ توشۇساق ئاران بىر نەچچە كويلا تاپالايدىكەنمىز، بۇنداق جاپا تارتقاندىن كۆرە بىز ئەڭ ياخشىسى بىر سۇ يولى قازايلى، مۇشۇنداق قىلساق جاپا تارتمايلا تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپالايمىز، ئەگەر سۇ يولىنى قېزىپ چىقالىساق كۈنىگە 100 چىلەكتىن كۆپ سۇ توشۇغىلى بولىدۇ، مۇشۇ بويىچە ھېسابلىساق بىر ھەپتىگە قالماي يېڭى ئاياغ، يېڭى كېيىم سېتىۋالالايمىز، بىر ئايدىن كېيىن بىر كالا سېتىۋالغىلى بولىدۇ، ئالتە ئايدىن كېيىن بىر يۈرۈش ئۆي سالالايمىز، كۈندە ئىشلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، بىر ئۆمۈر باياشات ياشايمىز. ئەمما ئابو بۇنى ئانچە مۇۋاپىق كۆرمىدى، چۈنكى ئۇ كۆز ئالدىدىكى «نەق مال» غا قىزىقاتتى. برونى ئۆزى ئويلاپ تاپقان يىراق مەزگىللىك پىلانى بويىچە ئالدى بىلەن بىر كۈننىڭ يېرىمىدا چىلەكتە سۇ توشىدى، قالغان يېرىم كۈندە بولسا ئېرىق قازدى. ئۇنىڭ كۈندە تاپىدىغىنى ئابونىڭكىدىن كۆپ ئاز بولسىمۇ، ئەمما كەلگۈسىدە چوقۇم ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى، برونۇ بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بىر قانچە يىل كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ جەزمەن باشقا ئېلىپ چىقىشقا بەل باغلىدى. ئابو باشقىلار بىلەن بىللە ئۇنى «ئېرىق قازغۇچى» دەپ مەسخىرە قىلدى. ئۇزۇنغا قالماي برونۇ جاپالىق ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسىنى كۆردى، «ئېرىق» ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن، ھېچقانچە جاپا تارتمايلا كۆلچەككە سۇ باشلاپ كەلدى، ئۇنىڭ تاپقان پۇلى ئابونىڭدىن ئېشىپ كەتتى. كۈنلەر ئۆتكەنسېرى برونۇ تېخىمۇ بېيىشقا باشلىدى، تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ ئالدى بىلەن باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك ئۆي سالدى، نىمە سېتىۋالغۇسى كەلسە شۇنى سېتىۋالدى، دەسلەپتە ئۇنى «ئېرىق قازغۇچى» دەپ مەسخىرە قىلغانلار ئەمدىلىكتە ئۇنى ھۆرمەتلەپ برونۇ ئەپەندى دەيدىغان بولدى. مەسخىرە قىلغۇچىلارنىڭ باشلامچىسى بولغان ئۇكىسى ئابو بۇ ۋاقىتلاردا يەنىلا چىلەك بىلەن سۇ توشۇۋاتقان بولۇپ، قارىماققا بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۈچ-قۇۋۋىتىدىن قالغاندەك قەدەملىرى ئاستىلاپ كەتكەن ئىدى، ئابو بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق سۇ توشۇپ ئۆتۈپ كىتەرمەنمۇ دەپ قاقشايتتى. بۇنىڭ ئەكسىچە، برونۇ «ئېرىق»نى قېزىپ بولغاندىن كېيىن چېلەكتە سۇ توشۇشنىڭ ھاجىتى قالمىدى، ئۆيىدە بىكار ياتسىمۇ، ئۇخلىسىمۇ، كەيىپ-ساپا سۈرسىمۇ پۇل ئوخشاشلا كىرىۋەردى. برونۇ «ئېرىق»نى پۈتۈنلەي قېزىپ بولغاندىن كېيىن، ھېچقانچە كۈچىمەيلا كەنىتكە يېڭى سۇ باشلاپ كەلدى. يېقىن ئەتراپتىكى باشقا كەنت ئاھالىلىرىمۇ بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىشكە باشلىدى، كەنت بارا-بارا تەرەققىي قىلىپ پۈتۈنلەي باشقىچە قىياپەتكە كىردى. برونۇ ئاقىلانە تەدبىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي يەنە كەنىتنىڭ قىياپىتىنىمۇ ئۆزگەرتتى.
بۇ ھېكايە بىزگە «پاسسىپ كىرىم» يەنى ئادەم ئىشلىمەي بىكار ياتسىمۇ ئۆزلىكىدىن كىرىپ تۇرىدىغان پۇلنى قوغلىشىشنىڭ ئاقىلانىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. قىسمەن كىشىلەر نىمە ئۈچۈن كۆپ پۇل يىغالمايدۇ؟ يەنە بىر قىسىم كىشىلەر نىمە ئۈچۈن ئۆي، ماشىنا ئالالماي قاقشايدۇ؟ چۈنكى ئۇلار پەقەت كۆز ئالدىدىكى «ئاكتىپ كىرىم» يەنى ئىش ھەققى ياكى مائاشنىلا ئاساس قىلىۋالغان، ئەگەر ئارام ئېلىش، داۋالىنىش قاتارلىق سەۋەبلەر ياكى باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قالسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ بۇ ئازغىنە كىرىمىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىشى، ھەتتا كىرىم مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قېلىشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.