مىنشىن شىركىتىنىڭ مەبلەغ سېلىش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكلىرى

parida 2018-01-17 16:31:37

\

1. كۈچلۈك بولغان كاپىتال ئەمەلىي كۈچىگە ئىگە. مىنشىن شىركىتى 2012-يىلى 1-ئايدا بېيجىڭ پۇل-مۇئامىلە سودا رايونىدا قۇرۇلغان بولۇپ، شىركەتنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان ئومۇمىي مەبلىغى 100 مىليۇن يۈەن، شۇ ساھەدىكى كارخانىلار ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
2. پۇختا بولغان پۇل-مۇئامىلە ئاساسىغا ئىگە. مىنشىن شىركىتى باشقۇرۇش كوللېكتىپى پۇختا پۇل-مۇئامىلە ئاساسىغا ئىگە بولۇپ، شىركەت قۇرغۇچىسىنىڭ سودا بانكىسى ۋە كېپىل بولغۇچى شىركەت ھەققىدە 10 يىلغا يېقىن تىجارەت ۋە مەبلەغ سېلىش تەجىربىسى بار. باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارمۇ ئاساسلىقى بانكا ۋە سۇغۇرتا كەسپى قاتارلىق پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكى تەجىربىلىك زاتلاردىن تەشكىللەنگەن. باشقۇرۇش قاتلىمىنىڭ پۇل-مۇئامىلە كەسپىگە نىسبەتەن چۈشەنچىسى چوڭقۇر بولۇپ، ئىلغار بولغان پۇل-مۇئامىلە باشقۇرۇش ۋە كۈچلۈك بولغان خەۋپ-خەتەرنى كونترول قىلىش ئىدىيىسىگە ئىگە.
3. مەنپەئەتدارلىققا ئىگە كەسپىي ئەندىزىنى ياراتقان. مىنشىن شىركىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، پۇل-مۇئامىلە ئۇچۇر مۇلازىمىتنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىگە باشتىن-ئاخىر قاتتىق رىئايە قىلىپ، تور قەرز ۋاستىچى مۇلازىمىتىدە مەنپەئەتدارلىققا ئىگە بولغان پۇل-مۇئامىلە ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن ھەمدە بۇ ئارقىلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئەلا سۈپەتلىك پۇل-مۇئامىلە ئۇچۇر ۋاستىچى مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلغان.
4. كۈچلۈك بولغان خەۋپ-خەتەرنى كونترول قىلىش سېستىمىسىغا ئىگە. مىنشىن پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئادەتتە قەرز بېرىش-ئېلىشتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش، قەرز بېرىش-ئېلىش جەرياندىكى قاراپ چىقىش ۋە قەرز بەرگەن-ئالغاندىن كېيىنكى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۈچ ئاساسىي ھالقىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، تەرتىپىنى رەتلەش ۋە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، قەرز بېرىش-ئېلىش تەپسىلاتىنى ئىنچىكە رەتلەش، ئىناۋىتىنى تەكشۈرۈش، خەۋپ-خەتەر دەرىجىسىنى باھالاش، قەرز بېرىش-ئېلىشنى تەستىقلاش، توختام ئىمزالاش، قەرز پۇل تارقىتىش ۋە قەرز تۆلەش، قەرز بېرىش-ئېلىشنى باشقۇرۇش ۋە ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنكى ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق 9 مۇھىم ھالقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەرقايسى خەۋپ-خەتەر نۇقتىلىرىغا قارىتا كونكرېت باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىش تەلىپى قويۇلغان. مىنشىن شىركىتى دۆلەت ئىچى ئۇچۇر سۇپىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇچۇر سېستىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئىناۋەتنى تەكشۈرۈشتىكى مۇھىم ئاساس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەۋپ-خەتەرنى كونترول قىلىش تەجىربىسى مول ئاپپاراتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن تەكشۈرۈش تەرتىپىنى كىرگۈزگەن ھەمدە بۇ ئارقىلىق مىنشىن پۇل-مۇئامىلىسىنىڭ خەۋپ-خەتەرنى كونترول قىلىش سېستىمسىىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.