P2P تور قەرز سۇپىسىغا مەبلەغ سېلىشتىكى ئۈچ خىل ئۇسۇل

parida 2017-12-28 17:05:17

\

ھەرقانداق بىر خىل مەبلەغ سېلىشتا خەۋپ-خەتەر ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئەمما خەۋپ-خەتەرنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ياخشى بولغان پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمەت سۇپىسىنى تاللىغاندا ھەمدە تور قەرز سۇپىسىغا مەبلەغ سېلىشتىكى مۇھىم ئۇسۇللارنى ئېگىلىگەندىلا، مەبلەغ سالغۇچىلار مەبلەغ بىخەتەرلىكى جەھەتتە كاپالەتكە ئىگە بولالايدۇ ھەمدە يۇقىرى نىسبەتتە پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ. تۆۋەندە P2P تور قەرز سۇپىسىغا مەبلەغ سېلىشتىكى ئۈچ خىل مۇھىم ئۇسۇلنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:
1. ئىشەنچىلىك تور قەرز سۇپىسىنى تاللاش كېرەك: تور قەرز مەبلىغىنى باشقۇرۇش ئاساسلىقى توردا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، ئەگەر تور مۇلازىمەت سۇپىسى ئىشەنچىلىك بولمىسا، ئۇنداقتا سالغان مەبلەغ يوققا چىقىشى مۇمكىن، شۇڭا تور قەرز مۇلازىمەت سۇپىسىنى تاللىغاندا ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك. ئادەتتىكى مۇنتىزىم تور قەرز سۇپىلىرى ھەرقانداق بىر مەبلەغ سودىسىغا ئارىلاشمايدۇ، پەقەت ۋاستىچى مۇناسىۋىتى بىلەن مەبلەغ سالغۇچى ۋە مەبلەغ ئالغۇچىنى بىر-بىرىگە باغلايدۇ. شۇڭا تور قەرز سۇپىسىغا مەبلەغ سېلىشتا ئاۋۋال مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى، مەبلەغنىڭ ئېقىش يۆنىلىشى ۋە ئەھۋالى قاتارلىقلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
2. خەۋپ-خەتەرنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا دىققەت قىلىش كېرەك: تور قەرز دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ نۇرغۇن تور قەرز سۇپىلىرى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يىتەرسىز بولغانلىقتىن، ئىشەنچىلىك تور قەرز سۇپىلىرى بىلەن ساختا، ناچار مۇلازىمەت سۇپىلىرى ئارىلىشىپ كەتكەن. شۇڭا، مەبلەغ سالغۇچىلار يۇقىرى پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدىغان تور قەرز سۇپىسىنى تاللىغاندا جەزمەن خەۋپ-خەتەرنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.
3. مەبلەغنى تارقاق ھالەتتە سېلىش كېرەك: تور قەرز سۇپىسىغا مەبلەغ سالغاندا، خەۋپ-خەتەرنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن مەبلەغنى تارقاق ھالەتتە سېلىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا مەبلەغ سالغان بىر تۈردە زىيان كۆرۈلسە، يەنە بىر تۈردە يۇقىرى پايدىغا ئېرىشكىلى بولۇشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.