مەبلەغ سالغۇچىلار نىمە ئۈچۈن مىنشىن پۇل-مۇئامىلىسىنى تاللايدۇ؟

parida 2017-12-28 16:35:35

\

1. مىنشىن پۇل-مۇئامىلىسى كەسپىي جەھەتتىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىياسەتلىرىگە ئاكتىپ ماسلىشىپ، سودا داۋامىدىكى مەبلەغ يۆتكىلىشىگە ئارىلاشماي، خېرىدارلارنىڭ مەبلىغى بىلەن مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ مەبلىغىنى پۈتۈنلەي ئايرىدى. خېرىدارلارنىڭ مەبلىغى جياڭشى بانكىسىدا ساقلىنىدىغان بولۇپ، بانكا خېرىدارلارنىڭ مەبلىغىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ، ھەربىر خېرىدارنىڭ جياڭشى بانكىسىدا ئېچىلغان مەخسۇس مەبلەغ ئىسچوتى بولىدۇ، خېرىدارلارنىڭ مەبلىغىغە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىنغان.
2. خەۋپ-خەتەر يۇقىرى دەرىجىدە كونترول قىلىنغان، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى بىخەتەر. مەبلەغ سېلىشتا ئاز سوممىلىق تۈرلەر ئاساس قىلىنغان بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچى تارقاق ھالەتتە ئاز سوممىدا بىرقانچە قەرز ئالغۇچىغا مەبلەغ سالسا بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا خەۋپ-خەتەر ياخشى كونترول قىلىنىپ، پۇل ئارىيەت ئېلىش ۋە بېرىش بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئىگە بولىدۇ.
بانكا دەرىجىلىك خەۋپ-خەتەرنى كونترول قىلىش كوللېكتىپى بار بولۇپ. مەبلەغ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە. قەرز ئالغۇچى تەمىنلىگەن بىر قاتار ماتېرىياللارغا ئاساسەن قەرز ئالغۇچىنىڭ سالاھىيىتى ۋە ئىقتىدارى تەكشۈرۈپ بېكىتىلىدۇ، قەرز ئالغۇچىنىڭ قەرز پۇلنى ئىشلىتىش يوللىرى، قەرز قايتۇرۇش مەنبەسى، قەرزدارلىق ئەھۋالى، نامىدىكى مۈلكىنىڭ ئەھۋالى قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ ھەمدە يۇقارقى ئەھۋاللارغا قارىتا ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.