بانكىلارمۇ ۋەيران بولۇپ تاقىلامدۇ؟

parida 2017-09-22 18:06:57

\

بەزىلەر نىمە ئۈچۈن بانكىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كەتتى دەپ سورىشى مۇمكىن، يەنە بەزىلەر بولسا ئەمەلىي ئىقتىساد نىمە ئۈچۈن چېكىنىپ كەتتى دەپ سورىشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ئىنقىلاب، يەنى بىر مەيدان ئالاقە تورى ئىنقىلابىدىن ئىبارەت. جۇڭگودا ئىسلاھات ئېچىۋىتىلگەندىن بۇيان، ئىككى قېتىم ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىنى باشتىن كەچۈردى، نۆۋەتتە 3-قېتىملىق ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە. قىسمەن بانكىلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇشى ياخشى بولمىغانلىقتىن، دۆلىتىمىز بانكىلارنىڭ تاقالسا بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەمما ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بىرقانچە يىل ئىلگىرى تېخى يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ ئىدى، ئەمما ھازىر بولسا بۇ كەسىپنىڭ ئەنئەنىۋى پۇل-مۇئامىلە كەسپى بولۇپ قالغانلىقىنى ئېتراپ قىلماي تۇرالمايمىز. ئىشەنچىلىك بولغان P2P پۇل-مۇئامىلىسىنى تاللاش بولسا-قانۇنىي توختام شەكلى ئارقىلىق، دىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا، مۇقىم ۋە ساغلام ھالەتتە پايدىغا ئېرىشىشتىن ئىبارەت. قېلىپلاشقان P2P پۇل-مۇئامىلىسىنى تاللىغاندا، مەبلەغ سالغۇچىلار «ھەق-تەلەپ قانۇنى»،«شىركەت قانۇنى»،«توختام قانۇنى» دىكى ئالاقىدار ھوقۇق-مەنپەئەتلەردىن بەھرىمەن بولالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ خىل پۇل-مۇئامىلە كەسپى بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى قانۇن چىقىرىش، ج خ مىنىستېرلىقى مۇھاپىزەت قىلىش، سانائەت-ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستېرلىقى نازارەت قىلىش قاتارلىق جەريانلار ئارقىلىق دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشتى، شۇڭا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايدۇ. ئالاقە تورى ئىنقىلابى جەريانىدا، ئەنئەنىۋى پۇل-مۇئامىلە ئاپپراتلىرى ئاللىبۇرۇن ئەمەلىي كۈچىدىن قالدى. سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلىسىدىكى P2P پۇل-مۇئامىلە شەكلىنىڭ پايدا نىسبىتى بانكىنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي يەنە بانكىدىن بىخەتەر، شۇڭا P2P پۇل-مۇئامىلىسى مالىيە باشقۇرۇشتىكى «بىخەتەر پورت»قا ئايلانغان.
كۆپ قىسىم كىشىلەر بانكىغا پۇل ئامانەت قويۇشنى ئەڭ بىخەتەر ئۇسۇل، %100 ئىشەنچىلىك دەپ قارايدۇ. ئەمما دۆلەت ئىچىدە بانكىنىڭ ۋەيران بولۇپ تاقىلىش ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر «بانكىلارمۇ ئىشەنچىلىك ئەمەسكەن» دىگەن قاراشقا كەلدى، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراش ئاساسسىز ئەمەس. 1998-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا ئىككى يىل 10 ئاي بولغان خەينەن تەرەققىيات بانكىسىنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بۇ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى پۇل-مۇئامىلە تارىخىدا تۇنجى قېتىم چىقىم كرىزىسى تۈپەيلى تاقىلىپ قالغان ئۆلكە دەرىجىلىك سودا بانكىسى ھېسابلىنىدۇ.
مەركەز مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ئىشخانا كۈزەتكۈچىسى فاڭ شىڭخەينىڭ ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتىشىچە، كەلگۈسىدىكى مەلۇم مەزگىل ئىچىدە، ئوتتۇرا-كىچىك تىپتىكى ئىككى بانكىنىڭ تاقىلىپ قېلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن. فاڭ شىڭخەينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر بۇخىل خەۋپ-خەتەرگە قارىتا ئالدىن تەييارلىق كۆرۈلسە، مەسىلە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنسا ئاندىن خەۋپ-خەتەرنىڭ پۈتكۈل سېستىمىغا كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن، ئەگەر مەسىلە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنمىسا، ئۇنداقتا خەۋپ-خەتەر كېڭىيىپ بانكىلارغا نىسبەتەن مۇقىمسىز بىر خىل ئامىلنى شەكىللەندۈرىدىكەن. بۇ ئاساسلىقى ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا پۇل-مۇئامىلە كەسپىدە مەبلەغ مىقدارى، پۇل-مۇئامىلە كەسپى قەرزى ھەمدە ئەمەلىي قەرزنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ناھايىتى تېز بولغانلىقىدىن بولغان، بۇنداق بولغاندا تەبىئىيلا قىسمەن يۇشۇرۇن خەۋپ-خەتەرلەر كۆرۈلىدۇ، شۇڭا ھەرگىزمۇ بىخەستىلىك قىلىشقا بولمايدۇ.
ئوتتۇار كىچىك بانكىلارنىڭ كەمچىلىكى – بانكىلارنىڭ چوڭ پايچېكلارنىڭ «ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى»غا ئايلىنىپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت. چوڭ پايچېكلار بانكا مەبلىغىنى خالىغانچە يۆتكەپ ئىشلىتىدۇ، ئۆي-مۈلۈك سودىسى قىلىدۇ ياكى ھۆكۈمەت تۈرلىرىنى قوللايدۇ، شۇڭا خەۋپ-خەتىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ ئاسانلىقچە كونترول قىلغىلى بولمايدۇ، مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بانكىلارنىڭ ۋەيران بولۇپ تاقىلىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.