ياۋرۇ بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا دۇچ كەلدى

gulbostan 2017-03-27 17:53:21

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: (Barclays) نىڭ پەرەز قىلىشىچە، پۇل پاخاللىقىنىڭ سۈرئىتى ئېشىۋاتقان ۋە ئىقتىساد ياخشىلىنىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، ياۋرۇ نۆۋەتتە بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا دۇچ كەلگەن.
2017-يىللىق بازارنىڭ سىياسىي خەتەرنى ھەددىدىن زىيادە قوبۇل قىلىشى ياۋرۇنىڭ يىقىنقى بىر مەزگىلدە ئۆرلەش خەۋىپىنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بىراق نۆۋەتتە بازار 2018-يىللىق ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسىنىڭ پۇل سىياسىتىدىكى قىسىنچىلىقىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە بۇ يىلنىڭ ئاخرىدىراق يادرولۇق پۇل پاخاللىقىدا چۈشۈش خەتىرىنىڭ بارلىقى مۆلچەرلەنگەن. باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرمۇ ئىقتىسادى دەۋرىيلىكتە باشلامچى ئورۇندا تۇرغان، شۇ سەۋەبتىن ياۋرۇ بىسىمغا ئۇچرايدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا سىياسىي خەتەرلەر 2018 –يىلى ياۋرۇغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ ئىتالىيە چوڭ سايلىمى، گىرىتسىيە، پورتۇگالىيە قەرز مەسىلىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ياۋرۇنىڭ دوللارغا بولغان پېرىۋوت مۆلچەرى 3-پەسىلدە 1.06 گە چۈشىدىغان بولۇپ، 4-پەسىلدە ئاساسى 1.03 بولۇپ، كېلەر يىلى 1-پەسىلدە 1.05 كە ئۆرلەيدۇ.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.
،

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.