پۇل-مۇئامىلە بازىرى مۇھىم بىر ھەپتىنى كۈتىۋالىدۇ

gulbostan 2017-02-01 11:22:03

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گىزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: بۇ ھەپتە پۇل-مۇئامىلە بازىرى ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر ھەپتىنى كۈتىۋالىدۇ. ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش قارارى، غەيرىي يېزا-ئىگىلىك بويىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق ئىنتايىن مۇھىم بولغان سانلىق ئۇچۇرلار ھەمدە كانادادىكى كۆپ قىسىم كارخانىلارنىڭ مالىيە دوكىلاتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ ھەپتىلىك پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىللاردۇر. تەھلىلچىنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەبلەغ سالغۇچىلار يەنە تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كىيىنكى يېڭى سىياسەتلەرنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچرايدىكەن، بولۇپمۇ ئالدىنقى ھەپتە مۇنازىرىگە ئۇچرىغان كۆچمەنلەر يېڭى سىياسىتىدىن كىيىن، پۇل-مۇئامىلە بازىرى بەلكىم تېخىمۇ زور بولغان تەۋرىنىشكە ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن.
تەھلىلچىنىڭ ئېيتىشىچە، قەسەم بەرگەندىن كىيىنكى ھەپتىسى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ بىر قاتار تەدبىرلىرى، يەنى كۆچمەنلەر ھەققىدىكى يېڭى سىياسىتى تىرامپنىڭ بازاردىكى تەسىرىنى ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىىتنىڭ رەئىسى ئېللىندىن يۇقىرى كۆتىرىۋەتكەن.
تىرامپ ئالدىنقى ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى بۇيرۇق ئىمزالاپ، بۇندىن كىيىنكى 120 كۈننىڭ ئىچىدە مۇساپىرلارنىڭ ئامېرىكا چىگرىسى ئىچىگە كىرىشىنى چەكلىگەن، 90 كۈننىڭ ئىچىدە ئىران، ئىراق، لىۋىيە،سۇمالى، سۇدان، سۈرىيە ۋە يەمەن قاتارلىق «تېرورىزىم ئاسارىتى» بولغان دۆلەتلەر پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكا چىگرىسىگە كىرىشنى چەكلىگەن.
بۇ بۇيرۇق ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا سىياسىي ۋە سودا ساھەسىدىكى رەھبەرلەنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. پېڭبو خەۋەرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مەمۇرىي بۇيرۇق رايۇن سىياسىتى ۋە خەلقئارالىق سودا خەتىرىنىڭ ئېھتىماللىقىنى يۇقىرىلىتىپ، ئامېرىكا دوللىرى ئوبروت قىلىنىدىغان ئاساسىي پۇللارنىڭ بۈگۈنكى ئەتىگەنلىك بازاردا ئاجىزلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.