ئۆسۈم قوشۇش بازارنى لەرزىگە كەلتۈردى

gulbostan 2016-12-15 11:27:28

\

ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆسۈم قوشۇش سىگىنالىنى چىقاردى، بۇ بازارنىڭ مۆلچەرى ئىچىدە بولسىمۇ ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتىنىڭ كېلەر يىلىدىكى پايدا نىسبىتىغا بولغان مۆلچەرى ھەمدە يېلىننىڭ قاتتىق ئىپادىسى بازارنى ھەيران قالدۇردى، ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېىتىتىنىڭ قارارىدىن كىيىن، پۇل-مۇئامىلە بازىرى «قاينام-تاشقىنلىق» قا چۆمدى، پېڭبو دوللار كۆرسەتكۈچى قاتتىق ئۆرلەپ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالتۇن، نېفىت ھەمدە پايچېكى بازىرى كوللىكتىپ ھالدا تۆۋەنلىدى. ئالتۇن باھاسى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشۈپ، 10 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى. نەق مال ئالتۇن نيۇيورك بازىرىدا %0.3 چۈشۈپ، 1154.62 دوللار \ئۇنسىيە بولدى. ئالتۇن باھاسى ئىلگىرى بىر مەزگىل 1149.07 دوللار\ ئۇنسىيەگە چۈشۈپ، 2-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى. ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېىتىتى پايدا نىسبىتىتىنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى ئالتۇن بىر مەھەل ئەڭ كۆپ دېگەندە %1.6 ئۆرلىدى.
Price Futures Group نىڭ چىكاگودا تۇرۇشلۇق بازار ئاچقۇچى تەھلىلچىسى Phil Flynn نىڭ كۆرسىتىشىچە:« نېفىت باھاسىنىڭ ئەسلىدىنلا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك ئەمەس بولۇپ، دوللارنىڭ ئۆسىشى يەنە تەسىر پەيدا قىلغان».

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.