ئىتالىيە ئاساسىي قانۇنىنى ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇش بورىنىدىن كىيىن ياۋرۇ «خەتەردىن قۇتۇلدىمۇ»؟

hasiyat 2016-12-06 12:49:59

\

بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشىنى ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇش ۋە ترامپنىڭ كۈتۈلمىگەن يەردىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلىنىشىغا سېلىشتۇرغاندا، ئىتالىيەنىڭ بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بازار تەۋرىنىشىنىڭ ۋاقتى ناھايىتى قىسقا، ياۋرو بىر قېتىم «ئەس ھوشىنى يوقىتىن قويغان» دىن كىيىن چوڭ دائىرىدە ئۆرلىدى. ياۋرو سەيشەنبە كۈنى مۇقىم بولۇپ، ئالدىنقى كۈنى 21 ئايلىق تۆۋەن نۇقتىدىن بۆسۈپ ئۆتتى. بىراق ئانالىزچىلارنىڭ قارشىچە، ئىتالىيە ئاساسىي قانۇنىنى ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇشنىڭ كېيىنكى تەسىرى تېخى تولۇق نامايان بولمىغان، ياۋرو خەتەردىن تېخى قۇتۇلالمىغان .
ئىتالىيە زۇڭلىسى رېنزى Renzi Matteo يەكشەنبە (12-ئاينىڭ 4-كۈنى) ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇش مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ ئىستىپا بىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ ئىنكار بېلەت نىسبىتى % 59.1 بولۇپ، ئالدىن پەرەز قىلىنغاندىن خىلىلا يۇقىرى بولغان .
رېنزىنىڭ ئىستىپا بېرىشى كېلەر يىلدىكى سايلامنىڭ بۇرۇنراق ئۆتكۈزىلىشىگە چوڭ ئىشىك ئېچىپ بېرىشى مۇمكىن، ھەمدە ياۋرۇغا قارشى بەش يۇلتۇزلۇق ھەرىكەت ھوقوقىنى قولغا ئېلىش مۇمكىنچىلىككە ئايلىنىشى مۇمكىن، بىراق نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە تەھلىلچىلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، 2018-يىللىق سايلامدىن بۇرۇن، قارانچۇق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
سەيشەنبە كۈنىدىكى ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا، ياۋرۇنىڭ دوللارغا بولغان پېرىۋوتى 1.0760 ئەتراپىدا مۇقىم تۇرغان بولۇپ، ھەپتىنىڭ بىرىنجى كۈنىدىكى كۆپ قىسىم ئۆرلەش دائىرىسىنى ساقلاپ قالغان. بۈگۈن ياۋرۇنىڭ دوللارغا بولغان پېرىۋوتى %2 كە يېقىن ئۆرلىگەن بولۇپ، بىر مەھەل ئۆرلەپ، 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا 1.0796 بولغان. ئىتالىيەدىكى ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇشتىن كىيىن، ياۋرۇ چۈشۈپ، ئالدىنقى يىلى 3-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن 1.0503 بولغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.