گېرمانىيە بانكىسى : فوندستېرلىڭ ناھايىتى« ئەرزان لېكىن يېتەرلىك «ئەرزان» ئەمەس

hasiyat 2016-12-01 16:10:42

\


گېرمانىيە بانكىسى ( Deutsche Bank ) پەيشەنبە ( 12- ئاينىڭ 1-كۈنى ) فوندستېرلىڭنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە بازار نىشانىنى تەھلىل قىلىپ ماقالە يازغان. مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە :
«بىز فوندستېرلىڭنىڭ يىل ئاخىرىدىكى دەسلەپكى مەزگىلنى پەرەز قىلدۇق، بىراق يەنىلا 2017 – يىلىدىكى ئاساسىي يۈزلىنىشتىن قارىغاندىكى ۋائوكوملۇق قاراشنى ساقلاپ كەلدۇق. ئىقتىسادىي خەۋپ - خەتەر , كاپىتال ئېقىپ كىرىشىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە سىياسىي ئېنىقسىز ئامىللىرى يەنىلا ئاچقۇچلۇق مەسىلە.
ئەنگلىيەنىڭ ئىقتىسادي سانلىق مەلۇماتلىرى مۇقىم، فوندستېرلىڭنىڭ يىل ئىچىدىكى قىممىتىنىڭ چۈشۈشى پۇل پاخاللىقىنى ئالدىنقى مەزگىلدە يۇقىرى ئۆرلەتتى. بۇلار ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسىنى تېخىمۇ كەڭ ھالدىكى ئالدىنقى مەزگىلدە چۈشۈرگەن. لېكىن ئىقتىساد دۇچ كەلگەن خەۋپ - خەتەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەنگلىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن ئەمەس. بىز ئەنگلىيەنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشى ئەنگىلىيەنى سىياسىي ئېنىقسىزلىققا دۇچار قىلىدۇ، دەپ قارايمىز. ئەنگىلىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ يېقىنقى قارارى ئەنگىلىيەنىڭ كېلەر يىلدىكى ئومۇمىي سايلام نىسبىتىنى ئۆرلىتىدۇ. ئـەمـەلىيەتتە « قاتتىقلىق بىلەن ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش» كېرەك ئەمەس ، لىسبوننىڭ 50 ماددىلىق كېچىكتۈرۈپ قوزغىتىشى بازارنىڭ ئېنىقسىزلىقىنى ئاشۇرۇپ، مەبلەغ سېلىشقا بېسىم ئىشلتەلەيدۇ. بىز كاپىتال ئېقىپ كىرىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چۈشىشى ئەنگىلىيە ئىقتىسادىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى بىسىمغا ئۇچرىتىدۇ، فوندستېرلىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈشى سودا پايدىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتتىكى ئۈنىمى بەك ئاز دەپ قارايمىز.
فوندستېرلىڭ ناھايىتى » ئەرزان «، لېكىن تاشقى سودىنىڭ ئېقىپ كىرىشىنى جەلپ قىلغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس، ئەنگلىيە يەنىلا كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي خەۋپخەتەرگە دۇچار بولىدۇ.
مەزكۇر بانكىنىڭ 2017 - يىلىنىڭ ھەر قايسى پەسىلدىكى فوندستېرلىڭنىڭ دوللارغا بولغان پېرىۋوت نىشانى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، 1.14 ، 1.12 ، 1.09 ،ۋە 06 . 1 لىك سەۋىيەنى كۆرسەتكەن.
بېيجىڭ ۋاقتى سائەت -12ئاينىڭ -1كۈنى سائەت 11:00 دە ، فوندستېرلىڭنىڭ دوللارغا بولغان پېرىۋوتى 28\1.2525 بولغان

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.