2017-يىلىدىكى بازاردىكى ئاساسلىق مەسىلە

hasiyat 2016-11-29 12:04:59

\
ترامپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلبە قىلغاندىن كىيىن، پۇل-مۇئامىلە بازىرى خۇددى «بىر كىچىدە ھاۋا ئۆزگەرگەندەك» بولدى، ئامېرىكا دوللىرى ۋە ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدىسى ئۇدا ئۆرلىدى، ئالتۇن باھاسى ئۇدا ئارقىغا چىكىندى، پاي چىكى بازىرىنىڭ كەيپىياتىمۇ بۆلەكچە جانلىنىپ كەتتى. لېكىن چوڭ مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە خەلقئارالىق چوڭ بانكا سىتىراتىگىيىچىلىرى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، 2017 - يىلىنىڭ ئاساسىي تېمىسى بولسا پۈتۈن يەر شارى دوللار قىس بولۇش مەسىلىسىگە دۇچار بولىشى مۇمكىن.
ترامپ غەلبە قازانغاندىن كىيىن، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئوبوروتى يۇقىرى ئۆرلىگەن، لېكىن بۇ پۈتۈن دۇنيادىكى دوللار قەرز ئالغان كارخانىلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىشى مۇمكىن. بۇ كارخانىلار پەقەت قەرزنى قايتۇرىشى قىيىن بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە بۇ قەرزلەرنىڭ مۇددىتى توشقاندا، ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈش تېخىمۇ قىيىنغا چۈشىدىكەن.
ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇپ پۇل نىسبەتەن مۇقىم ئورۇندا تۇرسا، قارىماققا ھىچقانداق مەسىلە يوقتەك كۆرۈنىدۇ. ۋەھالەنكى، دوللار كۈچلىنىپ، ئامېرىكا فېدىراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى ئۆسۈم قوشىۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ۋاقىتتا ، كۈچلۈك بولغان پۇل ھالقىش ئۈنىمى بەلكىم بۇ كارخانىلارنى پۇل-مۇئامىلە جەھەتتە تېخىمۇ قىيىنچىلىققا دۇچار قىلىدۇ.
دوكىلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، «بىزنىڭ بايقىشىمىزچە، بىرىنچى قەدەملىك تەسىر ئاساسلىقى ترامپ ئوتتۇرىغا قويغان سودىنى قوغداش سىياسىتىدىن كەلگەن بولسىمۇ لىكىن يەنە ئىككىنچى قەدەملىك تەسىر پەيدا بولىشى مۇمكىن، يەنى دۇنيادىكى دوللارنىڭ يۆتكىلىشى ھەمدە پۇل-مۇئامىلە ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزگىرىش . بۇ خىل بازار ئەھۋالى قايتىدىن يەنە كاپىتال ئايلىنىشىنىڭ سەۋەبىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن، ھەمدە بۇ سەۋەپتىن ھەر خىل ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا بىرىنچى قەدەملىك تەسىرگە قارىغاندا ئىككىنچى دەرىجىلىك تەسىرنىڭ كۈچى تېخىمۇ چوڭ ۋە روشەن بولىدۇ.
نۆۋەتتە ترامپ سايلامدا غەلبە قىلىپ تېخى قىسقىغىنا ۋاقىت ئۆتتى، ئۇنىڭ سىياسىتى ۋە بازارنىڭ كىيىنكى ئەھۋالى بەلكىم پۈتۈنلەي ئوخشىمىغان تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان تېما بولۇپ قالغۇسى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.