​شىياڭگاڭ پاي چېكىنىڭ 4-پەسىللىك بازار ھالىتى

zumrat 2016-11-22 16:20:52

\

شياڭگاڭ پاي چېكى 4-پەسىلگە قەدەم قويغاندىن كىيىن ئالدى بىلەن ئۆرلەپ ئاندىن چۈشۈپ، قايتا 24 مىڭ دىكى نۇقتىغا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئەھۋالنى ساقلاپ قالالمىدى، مۆلچەرلىنىشىچە، قىسقا مۇددەت ئىچىدە 23 مىڭ دىكى نۇقتىغا چۈشۈپ، 23 مىڭ بىلەن 24 مىڭ ئوتتۇرىسىدا ئايلىنىدۇ دەپ مۆلچەرلەنگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ساقلاش ئىدارىسى نويابىرنىڭ بېشىدا ئۆسۈم نىسبىتىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بازار ئومۇميۈزلۈك 12-ئايدا ئۆسۈم قوشۇشنى مۆلچەرلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن يېقىندا نېفىت باھاسى ھەر تۇڭى 50 ئامېرىكا دوللىرىغا قايتا ئۆرلىگەن، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، شىمالىي ئامېرىكىغا سوغۇق كىرىپ، ئىسسىنىش ئۈچۈن يېقىلغۇ گازىغا بولغان ئېھتىياج ئېشىشى، ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، بۇ ئامېرىكا بىرلەشمە ساقلاش ئىدارىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئاساس بولىدىكەن.

نويابىردىكى ئۆسۈم نىسبىتىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىدىن ئاۋۋال، بىرلەشمە ساقلاش ئىدارىسىنىڭ كۆپلىگەن ئەمەلدارلىرى گەپ تارقىتىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدىن بۇرۇن، ئامېرىكا ئۆسۈمى يەنە ئۆرلەپ، ئۆز ۋاقتىدا ياكى قايتىدىن مەبلەغ سېلىش كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن، ئامېرىكا پېرېۋوتى يەنىمۇ ئۆرلەپ، كاپىتالنىڭ باشقا رايونلاردىكى پاي چېكى بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىتالىيە 12-ئاينىڭ بېشىدا، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئومۇمىي ئاۋازغا قويىدىغان بولۇپ، بازار ئەھۋالى بۇ ئامىلغا ئانچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ. لېكىن ئىتالىيە زۇڭلىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇش مەغلۇپ بولسا، ئۆزىنىڭ ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى ھەمدە سايلامنى بالدۇر باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كىشىنى ئەنسىرىتىدىغىنى شۇكى ياۋرۇپا گۇماندارلىرىنىڭ سىياسىي پارتىيە بەشيۇلتۇز ھەرىكىتى بولۇپ، ئەگەر سايلامدا ئەڭ چوڭ پارتىيە بولۇپ سايلىنىپ قالسا، ئەنگلىيىگە ئوخشاش ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىشنى ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇپ، يەنە بىر قېتىملىق پۇل-مۇئامىلە بازىرىنى زىلزىلىگە سېلىشى مۇمكىن ئىكەن. قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە، ئىتالىيە دۆلەت قەرز قوشۇلما ئۆسۈم نىسبىتى يۇقىرىغا ئۆرلەپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئەنسىرەش كەيپىياتى شەكىللىنىدىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.