QEنىڭ چۈشەندۈرلىشى

gulbostan 2016-06-22 15:45:56

\

QEدېگىنىمىز ئادەتتە مەركىزىي بانكىنىڭ پۇقراۋى بانكا ۋە باشقا پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن زايۇم سېتىۋېلىش ھەركىتى بولۇپ، مەركىزىي بانكىنىڭ بۇ يېڭى مەبلىغى مۇشۇ پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەركىزىي بانكىدىكى قانۇنلۇق زاپاس ئاتچوتىغا كىرگۈزۈلىشىنى كۆرسىتىدۇ. QE ئادەتتە نېفىت باھاسىغا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تەرەپتىن تەسىر كۆرسىتىدۇ: بىرىنچىدىن دوللار ئارقىلىق بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، چۈنكى نېفىت بولسا دوللارنى باھا ئۆلچىمى قىلىدۇ. ئىككىنچىدىن تاۋارنىڭ تىپى ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ، چۈنكى QEنىڭ يۈرگۈزۈلىشى بولسا دوللارنىڭ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ مال باھاسىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. مال باھاسى ئۆرلەش بىلەن تەڭ نېفىت باھاسىدىمۇ ئۆرلەش كېېلىپ چىقىدۇ. ئۈچىنچىدىن خەتەرلىك ئېچتىياج ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىش، بۇ دېگىنىمىز دوللار، ياۋرو،نېفىت بولسا دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ خەتەرلىك قورال بولۇپ، QE بولسا دوللارنىڭ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.