رۇسىيە-ئىران 40 مىلياردلىق كېلىشىم تۈزدى

guzalnur 2016-02-06 12:26:19

\

ئىران يادرو كېلىشىمىنىڭ رەسمىي ئىجرا قىلىنىش باسقۇچىغا كىرىشى ۋە ياۋروپا-ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىرانغا بولغان ئىقتىسادى جازاسىنىڭ بوشاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئىراننىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز قويۇقلىشىشقا باشلىدى. ئىران ئىنگلىزچە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (Press TV) نىڭ 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران تەرەپنىڭ 4-چېسلا بىلدۈرۈشىچە، ئىران رۇسىيە بىلەن كۆپلىگەن سانائەت ئۇل-مۇئەسسەسە تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىممىتى 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق كېلىشىم ئىمزالىغان.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى ھامىنىيى بىلەن ئالىي مەسلىھەتچى ئەلى ئەكبەر ۋىلاياتى موسكۋا زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ يۇقىرىقى ئۇچۇرنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۆتكەن بىر قانچە ئاي ئىچىدە ئىران-رۇسىيە ئىككى تەرەپ سۆھبەت كېلىشىمىنىڭ كۆپ تۈرلۈك توختاملىرىنى يېقىندا رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغان.

ۋىلاياتى مۇنداق دېدى: «بىز رۇسىيە تەرەپ بىلەن ئىمزالىغان توختام يادرو ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىش، بۇشېر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى نومۇرلۇق يادرو رېئاكتورى گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇشى ۋە يېڭى ئېنېرگىيە زاۋۇتى ۋە تۆمۈر يول تورى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»

بۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ دېيىشىچە، موسكۋا زىيارىتى مەزگىلىدە، ئۇ يەنە پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئىككى دۆلەت ۋىزا رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ۋە نېفىت سېتىشقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىشلار ئۈستىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.