دۆلەت ئۈرۈمچى مېترو 2-لىنىيەسنى 500 مىليون يۈەن بىلەن قوللايدۇ

guzalnur 2016-02-02 16:42:11

\

2-ئاينىڭ 1-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى رېلىسلىق قاتناش 2-لىنىيەسىنىڭ بىرىنچى قارارلىق تۈرى يېقىندا دۆلەتنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى مەخسۇس قۇرۇلۇش فوندىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، تۈرگە سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ تەخمىنەن 16 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇ قېتىملىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەخسۇس قۇرۇلۇش فوندى 500 مىليون يۈەن ئىكەن. ھازىرغىچە، رېلىسلىق قاتناش 2-لىنىيەسى بىرىنچى قارارلىق تۈرى دۆلەتنىڭ مەخسۇس قۇرۇلۇش فوندىنىڭ 1.7 مىليارد يۈەنلىك قوللىشىغا ئېرىشكەن، بۇنىڭ بىلەن تۈرنىڭ مەبلەغ ئۇيۇشتۇرۇش قىيىنچىلىقى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىپ، مەبلەغنىڭ مۇقىم ئېشىشىدىكى ھالقىلىق رولى جارى قىلدۇرۇلغان.

ئۈرۈمچى مېترو 2-لىنىيەسىنىڭ بىرىنچى قارار قۇرۇلۇشى بۇلتۇر 11-ئاينىڭ 11-كۈنى رەسمىي باشلانغان، 2-لىنىيە بىرىنچى قارارلىق قۇرۇلۇشى جەنۇبتا يەنئەن يولىدىن باشلىنىپ، يەنئەن يولى، داۋان يولى، بەخت يولى، خەلق يولى، خېيلۇڭجياڭ يولى، نەنچاڭ يولى، پىڭچۈەن يولى، ۋېيتەي يولىدىن ئۆتۈپ خۇاشەن يولىدا ئاياغلىشىدۇ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 19.35 كىلومېتىر، پۈتۈن لىنىيەگە 16 بېكەت، 4 ئالمىشىش بېكىتى تەسىس قىلىنغان، 2020-يىلى تۇتاشتۇرۇلۇپ، قاتناش باشلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.