تۈنۈگۈن كەچتىكى كانادا مەركىزى بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى قارارى

parida 2019-04-25 12:15:39

\

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، تۈنۈگۈن كەچ كانادا 4-قېتىملىق ئۆسۈم نىسبىتى قارارىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، قاراردا %1.75لىك ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە 2017-يىلدىن بۇيانقى ھەر ئېقتىملىق ئۆسۈم نىسبىتى قارارىدا جىددى ئۆسۈم قوشۇش خاھىشىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كانادا مەركىزى بانكىسى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن يەنى، كانادا نېفىت سانائىتىنىڭ تەرەققىياتى ئاستىلاپ قالغان بولۇپ، يەر شارى سودا سىياسىتىنىڭ پاسسىپ تەسىرى ۋە بازارنىڭ ئىپادىسىنىڭ مۆلچەردىكىدىن ئاجىز بولۇشى بىلەن، 2019-يىلى ئالدىنقى پەسىلىدىكى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆلچەرى 1-ئايلىق مۆلچەردىن تۆۋەن بولغان.

كونكىرېت ئەھۋالدىن قارىغاندا، كانادا مەركىزى بانكىسىنىڭ 1-پەسللىك GDPنىڭ ئېىشىش سۈرئىتى مۆلچەردىن% 0.8دىن %0.3گە تۆۋەنلىگەن بولۇپ، تەڭشەش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن 2019-يىلى GDPنىڭ قىممىتى% 1.2 يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، 2020-يىلى 1-پەسىللىك GDPنىڭ ئېشىش مۆلچەر قىممىتى %2.1بولغان. 2021-يىلى% 2.0 بولغان.

كانادا مەركىزى بانكىسى ئۆسۈم نسبىتى قارارىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كانادا دوللىرىغا بولغا پېرېۋوت نىسىبتىنىڭ قىسىقا سىزىقى 80نۇقتىغا يېقىن ئۆرلەپ، يۇقىرى نۇقتا 1.3521نى يېڭىلىغان.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.