ئامېرىكا ئىقتىسادتىكى تىرىليون دوللارلىق قىزىل رەقەمنى قانداق بىر تەرەپ قىلماقچى

parida 2018-09-11 19:15:04

\

FX168 مالىيە ـ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: «ۋال كوچىسى گېزىتى » يېقىندىكى خەۋەرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققارغان غەيرىي يېزا ئىگىلىك دوكلاتىدا مائاشنى ئاشۇرۇش مەسىلىسى ئەمگەك كۈچى بازىرىدا جىددىيلىك ھالىتىنى گەۋدىلەندۈرۈشى مۇمكىن. بۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 9 –ئايدىكى داۋاملىق ئۆسۈم قوشۇدىغانلىقىنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇ، شۇنداقلا بۇ 2018- يىلىدا 3 - قېتىملىق ئۆسۈم قوشۇش بولۇپ قالىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ داللاستىكى فېدېراتسىيە زاپاس ساقلاش كومىتېتىنى رەئىسى Robert kaplam يېقىندا «9– ئايدىن 12- ئايغىچە بولغان ئارلىقتا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم قوشۇشنى ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ قېتىم، بەلكىم تۆت قېتىم ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن» دەيدۇ. لېكىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىدىكى بىر نەچچە قاتتىق قول ئەمەلدارلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە ، 2020 - يىلدىن بۇرۇن ، ئامېرىكا دوللىرىغا ئاز دېگەندىمۇ يەنە سەككىز قېتىم ئۆسۈم قوشۇلىشى مۇمكىن.

\

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ يېقىنقى 5 يىلدا جەمئىي 15 قېتىم ئۆسۈم قوشقان بولۇپ، ئامېرىكا دوللىرى ئاخىرقى ئۆسۈم نىسبىتى 3.75%-4% ئارىلىقتا بولغان.
ئەمەلىيەتتە، يۈكسەك دەرىجىدە ئامېرىكا دوللىرى قەرزىگە تاينىۋېلىش، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئاجىز بولغان بازارنى ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى« مۇز تۇتۇش» مەزگىلىنى پەيدا قىلىدۇ. گەرچە، ئۇلار ئىلگىرى كۆرۈنەرلىك ئېشىش كۆرسەتكۈچىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا دوللىرى كاپىتالنىڭ سىجىل ئېقىپ چىقىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ ، نۇرغۇن ئاجىز بازارلار ئىقتىسادى ئۆرلەشتىن كېيىن يەنە «ئەسلى قىياپىتى» قايتىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا دوللىرى قىسشتىكى مەقسەت ئىنتايىن ئېنىق بولۇپ، دەل ئامېرىكا ئىقتىسادى جەدۋىلىدىكى كۆلىمى 21 تىرىليون دوللار قەرزنى ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيەدىكى تەخمىنەن ھەر يىللىقى 1 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق قىزىل رەقەم خەۋپ – خەتەرىنى باشقا دۆلەتلەرگە ئارتىش.
نۆۋەتتە يەتتە دۆلەتنىڭ پۇل ۋە ئىقتىسادى ھازىر جىددىي ھالەتكە كىرىپ قالغان بولۇپ، بۇلار ئارگېنتىنا، تۈركىيە، بىرازىلىيە، ھىندونېزىيە، ھىندىستان، پاكىستان، ۋېيتنام بولۇپ، بۇ دۆلەتلەردە دوللارنىڭ ئۆسۈمى ئۆسۈۋاتىدۇ ۋە پاخاللىىشىۋاتىدۇ. ئامېرىكا دوللىرى بىلەن تۆلىنىدىغان تاشقى قەرز ئۆرلەۋاتقان بۇ دۆلەتلەر ئىقتىسادىي جەھەتتىن «يەتتە ئەينەك دۆلەت» دەپ ئاتالدى.
ئانالىزچىلار قارىشىچە، ئامېرىكا دوللىرىغا دەۋرىيلىك ھالدا توختىماي ئۆسۈم قوشۇلۇشى ئارقىسىدا يۇقىرى سوممىلىق تاشقى قەرزىگە ئىگە ۋيېتنام ھازىرقى ئارگېنتىنادەك ياكى تۈركىيەدەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن . بۇنىڭدىن كېيىن ياكى كەلگۈسىدە كۆپلىگەن دۆلەتلەر تاشقى پېرېۋوت زاپىسى يېتىشمەسلىك ياكى ۋە قەرز جەھەتتە پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشى بىلەن يېڭى «ئەينەك دۆلەتلەر»گە ئايلىنىشى مۇمكىن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.