ئاقساراي بۈگۈن جۇڭگو ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان باج تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ

parida 2018-06-15 12:41:43

\

يەرشارى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكا ئاقساراي جۇڭگو ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان باج تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدىكەن. بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى، «ۋال كوچىسى كۈندىلىك گېزىتى» قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ تۆنۈگۈن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىچكى كابېنتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، تىرامپ ھۆكۈمىتى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى قىممىتى 50 مىليارد دوللارلىق جۇڭگو مەھسۇلاتىدىن %25 باج ئېلىش توغرىسىدا قارار چىقىرىدىكەن. CNBC نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭى باج تىزىملىكىدىكى مەھسۇلاتلار 900 خىل ئەتراپىدا بولۇپ، 4-ئايدا ئېلان قىلغان تىزىملىكىتىكى 1300 خىلدىن سەل تۆۋەن بولغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رەئىس شى جىنپىڭ پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى pompeo بىلەن كۆرۈشكەندە، ئامېرىكىنىڭ سودا توقۇنۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەزگۈر مەسىلىلەرنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىشىنى، بۇنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا كاننېل ئۇنىۋىرستېتىنىڭ نوپۇزلۇق سودا سىياسىتى پروفسىسورى Prasad مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەت مەيدانى تېخىمۇ يىرىكلىشىپ كەتتى، جۇڭگو-ئامېرىكا سودا ئۇرۇشىنىڭ پارتىلاش خەۋپ-خەتىرى داۋاملىق كۈچىيىۋاتىدۇ، سودا ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياجنى كۈچەيتىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.