جۇڭگو-ئامېرىكا سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەش بولدى

parida 2018-05-17 18:21:53

\

گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇخې بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ۋاشىنگتونغا يېتىپ كېلىپ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېسىنگېر بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە ليۇخې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە مۇھىم، ئاكتىپ ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلدى. بۇ قېتىم ئامېرىكىنىڭ زىيارەت قىلىشىم ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئاساسەن، جۇڭگو-ئامېرىكا سودا مەسىلىسى جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇر پىكىرلىشىش، سودا ماجراسىنى ياخشى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت. جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

\

كېسىنگېر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئىككى تەرەپ ئىختىلاپلارنى تۈگىتىپ، ئورتاق مەنپەئەتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاشنى خالايدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ساھەسىدە گەرچە قىسمەن مەسىلە كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۆزئارا كېڭىشىش، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولغان ئۇسۇللارنى تېپىپ چىقالايدۇ. بۇ قېتىمقى جۇڭگو-ئامېرىكا سۆھبىتىدە دوستانە مۇناسىۋەت تەكىتلەنگەچكە، «سودا ئۇرۇشى» نىڭ كەسكىنلىشىش ۋەزىيىتى بىرئاز پەسكويغا چۈشتى، ئالتۇن باھاسىنىڭ تايانچ كۈچى ئاجىزلىدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.