FOMC يىغىنىنىڭ بازارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى

parida 2018-03-20 12:22:50

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: بۇ ھەپتىدە ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ ھالقىلىق ئامىل ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى قارارى بولۇپ، بازار ئومۇميۈزلۈك ھالدا بۇقېتىمقى يىغىندا ئۆسۈم قوشۇلىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى.
FastMarkets نىڭ قىممەتلىك مېتاللار تەھلىلچىسى Boris Mikanikrezai يەكشەنبە كۈنى داڭلىق مەبلەغ سېلىش تور بېكىتى Seeking Alpha دە بىلدۈرۈشىچە، ئالتۇننىڭ يۆنىلىشى ئانچە ئېنىق ئەمە بولۇپ، بۇ ئاينىڭ بېشىدىن بۇيان ئالتۇن ماكرولۇق مۇھىت شارائىتىدا ئوتتۇراھال ھالەتنى ساقلىغان، بۇ ئاساسلىقى دوللارنىڭ نىسبەتەن تۆۋەن بولغان پېرۋوت نىسبىتى ھەمدە نىسبەتەن يۇقىرى بولغان ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتىدە گەۋدىلەنگەن.
ھەرقايسى ساھەدىكىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۆسۈم قوشۇلىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى. بۇ قېتىمقى يىغىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى پاۋىل رىياسەتچىلىك قىلغان تۇنجى قېتىملىق يىغىن بولۇپ، يىغىندىن كېيىن پاۋىل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچىدۇ.
فېدېراتسىيە ئاشكارا بازار كومىتېتىنىڭ بۇلتۇر 12-ئايدىكى «چېكىتلىك گرافىكى» غا ئاساسلانغاندا، بۇيىل ئۈچ قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈرۈلۈشى مۇمكىن. ۋال سىترېت كوچىسىدىكى يەنە بىر قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ ھەپتىدە ئېچىلىدىغان فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى يىغىنىدا، 2018-يىلى تۆت قېتىمغىچە ئۆسۈم قوشۇلۇشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىدى.
Mikanikrezai نىڭ كۆرسىتىشىچە، فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ بۇ ھەپتىدە قانداق تەدبىر قوللىنىشىدىن قەتئىينەزەر، ئالتۇننىڭ «ئۇزۇن مەزگىللىك ئاكتىپ يۆنىلىشى» يەنىلا ئۈستۈنلۈكنى ئېگىلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتى بۇ ھەپتىدە پۇل سىياسىتى جەھەتتە ئۇنچىۋالا «قاتتىق» سىياسەت قوللانماسلىقىمۇ مۇمكىن، بۇ دوللارغا چۈشۈش بېسىمى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. Mikanikrezai نىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش يۈزلىنىشى كۈچىيىۋاتقان ھەمدە دۆلەت ئىچى مالىيە قوزغىتىش تەدبىرلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشى بىلەن، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى ياخشىلىنىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ئەمما پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ كەلگۈسى ئەھۋالىنىڭ ئېنىقسىزلىقى تۈپەيلىدىن، فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتى يەنىلا ئۆسۈم نىسبىتى نىشانىنى ئۆزگەرتىشنى خالىمايدىكەن.
دۈشەنبە كۈنى (3-ئاينىڭ 19-كۈنى) دوللار كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلىگەچكە ئالتۇن باھاسى ئۆرلىدى. نيۇروك تاۋار سودا مەركىزىدە، 4-ئايلىق قەرەللىك ئالتۇن باھاسى %0.4 ئۆرلەپ 1317.80 دوللارغا چىقتى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.