فرانسىيە بانكىسىنىڭ FOMC يىغىنى توغرىسىدىكى تەھلىلى

parida 2018-03-16 12:17:38

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: جۈمە كۈنى (3-ئاينىڭ 16-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا دوللار كۆرسەتكۈچى داۋاملىق ئاز نىسبەتتە ئۆرلىدى، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 90.18 نۇقتىغا چىقتى، ئەمما ھەپتىلىك سىزىقى يەنىلا تەڭپۇڭ ھالەتتە تۇرماقتا.
دوللارنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىگە قارىتا، فرانسىيە يېزائىگىلىك كرىدىت بانكىسىنىڭ تەتقىقات كوللېكتىپى تۆۋەندىكىدەك تەھلىل يۈرگۈزدى: بۇ ھەپتە دوللارنىڭ سودا يۆنىلىشى ئانچە ئېنىق ئەمەس، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە باشقا ئامىللار بۇخىل ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلمەسلىكى مۇمكىن. بازار نۆۋەتتە كېيىنكى ھەپتە ئېچىلىدىغان FOMC يىغىنىنى كۈتۈۋاتىدۇ، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۆسۈم قوشۇلغاندىن باشقا يەنە فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ بۇيىل ئۆسۈم قوشۇش قېتىم سانى توغرىسىدىكى پىلانى ئوتتۇرغا قويۇلۇشى مۇمكىن. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئىقتىسادشۇناسلىرىمىز ئىلگىرىكى كۆزقارىشىنى ئۆزگەرتتى، 3-ئايدىكى چېكىتلىك گرافىكتىن قارىغاندا، بۇيىل ئۈچ قېتىمدىن تۆت قېتىمغىچە ئۆسۈم ئۆستۈرۈلۈشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.