كانادا مەركىزىي بانكىسىنىڭ پۇل سىياسىتى پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدۇ

parida 2018-01-16 13:05:10

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: مۇشۇ ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنى (1-ئاينىڭ 17-كۈنى) كانادا مەركىزىي بانكىسىنىڭ 1-ئايلىق پۇل سىياسىتى قارارى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىنغا قارىتا BBH بانكىسى تۆۋەندىكىدەك تەھلىل يۈرگۈزدى:
كانادا مەركىزىي بانكىسى بۇ ھەپتىدە پۇل سىياسىتى يىغىنى ئاچىدىغان بىردىنبىر بانكا بولۇپ، ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. ئۆتكەن يىلنىڭ 3-پەسلىدە ئىككى قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈرۈلگەندىن بۇيان، كانادا ئىقتىسادىنىڭ ساپ ئېشىش قىممىتى (ئايلىق GDP سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغان) بىر ئىزدا توختاپ قالغان بولۇپ، تورونتو ۋە ۋەنكوۋىر رايونىدا ئۆي باھاسى تۆۋەنلىگەن، كانادا دوللىرىنىڭ كۈچىيىشى ۋە شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمى (NAFTA) نىڭ ئېنىقسىزلىقى مەركىزىي بانكىنىڭ جىددىيلىك كەيپىياتىنى تۆۋەنلەتكەن. ئەمما ھاسىلات يۇچۇقىنىڭ كىچىكلىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورنىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى كانادا مەركىزىي بانكىسىغا كەڭرى پۇل سىياسىتىنى بىكار قىلىشنى ئەركىن تاللاش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن ھەمدە مۇشۇنداق قىلىشقا مايىل بولغان.
قەرەللىك مال بازىرىنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بازار ئەھۋالى 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىكىگە ئوخشاش ياخشى ئەمەس ئىكەن. 1-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە، كانادا دوللىرىنىڭ ساپ سودا ئوبوروتى 586 مىڭ قول بولۇپ، بۇلتۇر 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرى 100 مىڭ قولدىن ئاشقان ئىدى. ئەگەر كانادا مەركىزىي بانكىسى پۇل سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە، بازارنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.