2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ سىياسىي كرىزىس گېرمانىيەدە يۈز بېرىشى مۇمكىن

parida 2017-11-21 15:39:55

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: دۈشەنبە كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى يۇقىرىلاپ بىردىنلا 94.04 نۇقتىلىق يۇقىرى ئۆتكەلگە يېقىنلاشتى. دوللارنىڭ ئۆسۈشىدىكى ئاساسلىق ئامىل گېرمانىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىمسىزلىقى بولۇپ، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل ئۈچ تەرەپ بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى تەشكىللىيەلمىگەنلىكتىن، قايتىدىن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈش ئېھتىماللىقى ياۋرۇنىڭ كاساتلىشىشى ھەمدە دوللارنىڭ ئۆسۈشىگە سەۋەب بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا يېقىندا ئامېرىكىنىڭ «رۇسيە بىلەن بولغان خۇسۇسىي ئالاقىسى» توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش ۋە ئامېرىكا باج ئىسلاھاتىنىڭ ئېنىقسىزلىقىمۇ، ئالتۇن بازىرىدىكى زىياننى مەلۇم دەرىجىدە چەكلەپ تۇردى.
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، گېرمانىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل رەھبەرلىكىدىكى كونسېرۋاتىپلار ئىتتىپاقى پارتىيىسى 9-ئايدا تارىختىكى ئەڭ ئاز بېلەت بىلەن چوڭ سايلامدا غەلبە قىلغاندىن كېيىن، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە يېشىل پارتىيە بىلەن كابېنت تەشكىللەش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. يەكشەنبە كۈنى كەچتە، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى Christian Lindner سۆھبەتتىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، مېركىلنىڭ كەسپىي ھاياتى ئەڭ چوڭ كرىزىسقا دۇچ كەلگەن. گېرمانىيە زۇڭتۇڭى Steinmeier نىڭ دۈشەنبە كۈنى، گېرمانىيە پارلامېنتىغا كىرگەن بارلىق پارتىيىلەرنىڭ دۆلەتنى قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتى ۋە ئورتاق مەنپەئەتى بار دەپ كۆرسەتتى ھەمدە ھەرقايسى پارتىيىلەرنى سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىشكە، قايتا چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىشقا مۇراجىئەت قىلدى. گېرمانىيەدە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تا ھازىرغىچە، بۇنداق ئېغىر سىياسىي كرىزىس يۈز بېرىپ باقمىغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ سىياسىي كرىزىسنىڭ گېرمانىيەنىڭ كەلگۈسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. گېرمانىيە سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىمسىزلىقىنىڭ تەسىرىدە، ياۋرۇ بىلەن بارلىق پۇللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى تۆۋەنلىدى، دوللار كۆرسەتكۈچى يەنىمۇ يۇقىرىلىدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.