باج ئىسلاھاتى پىلانى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتتى

parida 2017-11-17 13:05:06

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى پەيشەنبە كۈنى (11-ئاينىڭ 16-كۈنى) باج ئىسلاھاتى لايىھەسىنى ئېلان قىلدى. باج ئىسلاھاتى لايىھەسىدە، شىركەتلەرنىڭ باج نىسبىتىنى زور دەرىجىدە كېمەيتىش، كۆپ سانلىق خۇسۇسىيلارنىڭ باج سېلىقىنى تۆۋەنلىتىش، ھەمدە كەلگۈسى 10 يىلدا تەخمىنەن 14 تېرلىئون دوللارلىق فېدېراتسىيە قىزىل رەقىمىنى كۆپەيتىش، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ باج قانۇنىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش پىلانلاندى.
پەيشەنبە كۈنىدىكى بېلەت تاشلاش تىرامپنىڭ كارخانا ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ باج نىسبىتىنى كېمەيتىش ئىسلاھاتىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ، گەرچە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ باج ئىسلاھاتى پىلانى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. كېڭەش پالاتاسى ئۆز نۇسخىسىدىكى باج ئىسلاھاتى پىلانى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، كېڭەش پالاتاسىنىڭ مەزكۇر باج ئىسلاھاتى پىلانىنى ماقۇللاشقا يىتەرلىك بېلىتىنىڭ بار-يوقلۇقى تېخى ئېنىق ئەمەس.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.