«ۋەھىمىلىك سانلىق مەلۇمات»لار يېتىپ كېلىش ئالدىدا

parida 2017-11-15 12:04:42

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: مەركىزىي بانكا ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پۇل-مۇئامىلە بازىرى 3-بىر مۇھىم سىناقنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلاندى. چارشەنبە كۈنى (11-ئاينىڭ 15-كۈنى) بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 21:30 دە، بۇ ھەپتىدىكى ئىككى چوڭ مۇھىم ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات يەنى، ئامېرىكا CPI (ئىستىمالچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچى) ۋە ئامېرىكا پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنىدۇ، پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتىنىڭ «ۋەھىمە كۆرسەتكۈچى» دەيدىغان نامى بار بولۇپ، بۇ ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات ئوخشاشلا بازاردا زور داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ.

ئامېرىكا سان لوئىس فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى James Bullard نىڭ سەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتى پۇل پاخاللىقى نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگىچە، ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ھازىرقى سەۋىيىدىن ئۆزگەرمەسلىكىنى قوللايدىكەن، چۈنكى يەنە بىر قېتىم ئۆسۈم قوشقاندا پۇل پاخاللىقى كۆزلىمىسىگە چوڭ زەربە بولىدىكەن. ئەمما ئاتلانتا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى Raphael Bostic نىڭ قارىشىچە، پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتى گەرچە ئاجىز بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتى يەنىلا تەدرىجىي ئۆسۈم ئۆستۈرۈش نىشانىدىن ۋاز كەچمەيدۇ، يەنە كېلىپ پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە يۇقىرىلىشىدىن ئۈمىد بار.
قىسمەن تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتى 12-ئايدا ئۆسۈم قوشۇشنى مۆلچەرلىگەن بولۇپ، ئەمما ئەگەر پۇل پاخاللىقى نىسبىتى داۋاملىق نورمال سەۋىيىنى ساقلىسا، ئۇنداقتا 2018-يىلى ئۈچ قېتىم ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىدە ئۆزگىرىش بولىدىكەن. زىيارەتنى قۇبۇل قىلغان ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 10-ئايلىق CPI (ئىستىمالچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچى)نىڭ %2.0، يادرولۇق CPI يىللىق نىسبىتىنىڭ %1.7 ئېشىشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن. ئەگەر يادرولۇق CPI يىللىق نىسبىتى %1.7 ئاشسا، ئۇنداقتا 6 ئاي ئۇدا ئۆسۈش سەۋىيىسىنى ياراتقان بولىدىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.