دۆلەت شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا نۇرغۇن مەبلەغ ئاجراتتى

parida 2017-07-05 16:35:35

\

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونۇم رايونلۇق تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، دۆلەت ئاپتونۇم رايوننىڭ 2017-يىللىق ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مەركەز خام چوتىدىن 89 مىليۇن 880 مىڭ يۈەن ئاجراتقان بولۇپ، قوللايدىغان تۈرلەر ئاساسلىقى رادىئو-تېلېۋىزىيە ۋە ئاخبارات نەشرىيات قۇرۇلۇشى تۈرى قاتارلىق 44 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت مەخسۇس تۈر مەبلىغى قوللىغان رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى تۈرى 32 بولۇپ، مەركەز خام چوتىدىن 15 مىليۇن 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلىدىكەن؛ رادىئو-تېلىۋىزىيە سىمسىز تارقىتىش پونكىتى ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى تۈرى 23 بولۇپ، مەركەز خام چوتىدىن 36 مىليۇن 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلىدىكەن، قالغان مەبلەغ بولسا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاخبارات نەشرىياتى، ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى رەقەملىك باسما ئۈسكۈنىلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىك شىنخۇا كىتابخانىسى كەسپىي ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان ئۆينى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا ئاجرىتىلىدىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.