شىنجاڭ مەمۇرلارنى قانداق قوبۇل قىلىدۇ؟

rabigul 2016-03-10 12:58:17

\

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۈرۈمچى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگراممىسى، مۇخبىرنىڭ 9-چېسلا ئېچىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرلار باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىلى شىنجاڭ 7320 نەپەر مەمۇر قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئاساسى قاتلامدىن قوبۇل قىلغان مەمۇرلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %83، بۇنىڭ ئىچىدە %36 خىزمەت ئورنى مەخسۇس ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئىكەن.

شىنجاڭ 2009-يىلىدىن بۇيان مەمۇر خادىملارنى قوبۇل قىلىشتا ئاساسى قاتلامغا يۈزلەنگەن بولۇپ، جەمئىي 12 مىڭ 300 نەپەر ئاساسى قاتلام مەمۇر خادىم قوبۇل قىلغان، بۇ ئارقىلىق ئاساسى قاتلام يېزا-بازار مەمۇرلار قوشۇنىدىكى قۇرۇلمىلىق تەڭپۇڭسىزلىق ۋە ئادەم ئېلىپ قېلىش تەس بولۇپ، ئادەم ئىشلىتىش تەس بولۇش مەسىلىسى تەدرىجىي ھەل قىلىنغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.