چاغاندىن بۇرۇنقى بازار تەكشۈرۈشتە، شىنجاڭدىكى 22 تۈركۈم يېمەكلىك ئۆلچەمسىز چىقتى

guzalnur 2016-02-06 12:17:56

\

خەلق تورى، ئۈرۈمچى، 4-فېۋرال خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك-دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى 4-فېۋرال تارقاتقان چاغان ھارپىسىدا قانات يايدۇرۇلغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ئۇچۇرىغا قارىغاندا، بۇ قېتىم 549 تۈركۈم يېمەكلىك تەكشۈرۈلۈپ، 22 تۈركۈمى ئۆلچەمسىز چىققان.

ئۈرۈمچىدە ئىشلەپچىقىرىلىپ سېتىلغان يەتتە تۈركۈم يېمەكلىك ئۆلچەمسىز بېكىتىلىپ، بۇ ماللار پۇكىيىدىن چۈشۈرۈۋېتىلگەن. نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك-دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۆلچەمسىز يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغان كارخانىلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.