چاغان مەزگىلىدە شىنجاڭ سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ

guzalnur 2016-02-05 16:47:00

\

چاغان مەزگىلىدە جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭ ئومۇميۈزلۈك سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، قار يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، قاتناشقا مەلۇم دەرىجىدە قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىدىكەن.

بايرامنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە تېمپېراتۇرا يۇقىرلاپ كەينىدىن تۆۋەنلەيدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بايرام مەزگىلىدە پۈتۈن شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئاۋۋال يۇقىرلاپ ئاندىن چۈشىدىكەن. تېمپېراتۇرىنىڭ چۈشۈش ئامپلىتۇدىسى شىمالىي شىنجاڭدا℃5 ~ 8 بولىدىكەن. سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە 2016-يىللىق چاغان مەزگىلىدە (7-فېۋرالدىن 13-فېۋرالغىچە) ئىككى قېتىم قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن. 8-فېۋرال كېچىدىن 10-فېۋرالغىچە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى جەنۇبىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭ رايونلىرىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا تەسىر قىلىپ قار يېغىپ تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاي، ئالتاينىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قاتتىق قار ياغىدىكەن. شىمالىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزلىرىدا توققۇز بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال بورىنى چىقىپ، يەنە بىر قىسىم شامال رايونلىرىدىكى پەيتىلىك شامال كۈچى 10 ~ 11 بالغا يېتىدىكەن. تېمپېراتۇرا℃5 ~ 8 تۆۋەنلەپ، تارباغاتاينىڭ شىمالى، ئالتاينىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا℃10 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.