شىنجاڭدا ئىگىلىك تىكلەش ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلدى

guzalnur 2016-02-05 13:36:56

\

2-ئاينىڭ 4-كۈنى شىنجاڭ دۆڭكۆۋرۈك مەدەنىيەت ساياھەت گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك رىجاۋ ئىگىلىك تىكلەش ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ يىپەك يولى گوشىن ئۇچۇر تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ قۇرۇپ چىققان دۆڭكۆۋرۈك ئىگىلىك تىكلەش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى، بۇ شىنجاڭدا تۇنجى ئىگىلىك تىكلەش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئەنئەنىۋى ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەلىنىشىگە سېلىشتۇرغاندا، دۆڭكۆۋرۈك ئىگىلىك تىكلەش ئۇنىۋېرسىتېتى PPP ئەندىزىسىنى قوللانغان، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە قوش تىل مۇلازىمىتى بۇلۇت سۇپىسى قاتارلىق يەرلىكلەشكەن ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ئىگىلىك تىكلەش ئەمەلىي تەربىيەسى، ئىنكۇباتسىيە مۇلازىمىتى، ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ ئويۇشتۇرۇش، تۈر كىرگۈزۈش بىر گەۋدىلەشكەن ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، ئىنتېرنېت +ئامما ئىگىلىك تىكلەش ئورگانىك بىرىكتۈرۈلگەن ھەمدە باشلامچىلىق بىلەن «شىنجاڭ ئىگىلىك تىكلەش بۇلۇت كومپيۇتېرى» ئىشلىتىلگەن، ئۈندىدار تېلېفون تېرمىنالى «ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە قوش تىللىق ئەقلىي مىكرو مەھەللە» تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن ۋە كېڭەيتىلگەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.