شىنجاڭ نامرات نۇپۇسلارنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ

parida 2019-03-26 17:45:38

\


3-ئاينىڭ 20-كۈندىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ بۇ يىل ئالاھىدە تەدبىر قوللىنىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇسنىڭ شەھەر-يېزا ئاھالىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدا سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى سۇغۇرتىلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت تورىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىكەن.

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، خەلق تۇرمۇشى سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ۋە ياخشىلاش ئۈچۈن، بۇ يىل شىنجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەپ، سىياسەت، مەبلەغ جەھەتتىن ئېتىبار بېرىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇسنىڭ شەھەر-يېزا ئاھالىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدا سۇغۇرتىلاشقا تېگىشلىكلىرىنى سۇغۇرتىلىتىدىكەن شۇنداقلا 60 ياشتىن يۇقىرى نامرات ياشانغانلارنىڭ ھەممىسىنى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

بۇندىن باشقا، شىنجاڭ بۇ يىل يەنە داۋاملىق تەدبىر قوللىنىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇسنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدىكى كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنىڭ بىر قىسمى ياكى پۈتۈن قىسمىنى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋاكالىتەن تاپشۇرىدۇ، نامرات نوپۇس قاتناشقان شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ شەخسلەر تاپشۇرىدىغان بىر قىسمىغا مالىيە مەبلىغى ياكى داۋالاپ قۇتقۇزۇش فوندىدىن تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق ئالاھىدە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيدىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.